ھازىرقى ئورنىڭىز: رومان > ئايالىمنىڭ قاتىلى
A+ A-

-1-قىسىم

ئوچاقتىكى ئۈرۈك ئوتۇنى تىللىرىنى ھەريان سوزۇپ چاراسلاپ كۆيمەكتە.ئەپچىلگىنە ئوچاققا ئېسىلغان قازان ئۆز بەختىدىن مەمنۇن بولغاندەك، شوخلۇق بىلەن پولدوڭلاپ ئوينىماقتا . -ئاستاراق كۆيگىنە، دىدى قازان نازلىنىپ، -مەن مۇشۇنداق كۆيۈشكە ئامراق دىدى ئوتۇن مەغرۇرلۇق بىلەن، -ئەمما مەن چىدىمايلا قالدىم، ئازراقلا پەسەيگىن دىدى قازان يالۋۇرۇپ، -كۆيۈش مىنىڭ خۇسۇسىيتىم، شۇڭا پۇخادىن چىققۇدەك كۆيىمەن! دىدى ئوتۇن جاھىللارچە، -ئۆتۈنەي! پەقەت بەرداشىم قالمىدى، دىدى قازان تولغىنىپ تۇرۇپ، -ئەجىبا سىنى دەپ كۆيمەسلىكىم كىرەكمىدى؟چىدىساڭ يېنمدا بول، چىدىمساڭ ئىختيار…ئوتۇن شۇنداق دەپلا قەھرى بىلەن كۆيۈشكە باشلىدى .قازان تاشتى، ھەئە قازان تېشىپ كەتتى! بىز تەرەپتە چالا كۆيگەن ئوتۇننى چۈچۈل دەيمىز.ئۇ يايالقۇنلىنىپ كۆيەلمەيدۇ،يا جىمجىتقىنە ئۆچەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن قالغنى پەقەت دىماقنى ئېچشتۇرۇپ ، كۆزنى ياشلايدىغان ئاچچىق تۈتۈندىن باشقا نەرسە ئەمەس! *** -ھويييي قەيسەركامغۇ بۇ؟ كونىسدىن كەلتۈرەيمۇ ئاكا؟ -ئىچمەيمەن! -ئەمىسە يېڭىدىن ئەكەلدۈرگەندىن بىرنى شاققىدە… -ئىچمەيمەن دىدىمغۇ! -نىمە ئىچسەن ئەمىسە، - مەن ئىچمەيمەن! ئەمدى ئىچمەيمەن، ئىچمەيمەن!! چاچلىرى پاخپايغان، كىيملىرى توپا يۇقى بۇ ئادەمگە قاراپ مۇلازىم بالنىڭمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلغۇسى كەلمدى.-نىمە تۇلا پاراڭ، سوردى ئىچكىركى ئۆينىڭ پەردسىدىن بېشنى چىقارغان خوجايىن، -ئىچمەيمەن دەيدىغۇ؟بىركىم پىشدىن سۆرەپ كىرگەندەك، نىم با دەپ كىردىكىن ئۇنداق ئادەم بۇيەرگە، ئۇنىڭغىچە ئىشىك ئالدىغا توختىتىلغان خوندا ماركىلق موتسىكلىت غەزەپ بىلەن ھۆركىرەپ غودوڭششلارنىڭ قۇيرۇقىنى بىر قەۋەت يىنك چاڭ ئىچدە قالدۇرۇپ يۈرۈپ كەتتى.كۆزلىرى بىر نوقتىغا تىكلگەن قەيسەر كۆڭلىدىكى كشسى بىلەن خىيالەن مۇڭداشماقتا. خان مىنى ساقلا، ھازىرلا يېنىڭغا بارىمەن، مانا ماڭدىم، بىردەمدىلا جەم بولىمىز، سىنى باغرىمغا باسىمەن، ئەمدى يالغۇز قويمايمەن ،مەڭگۈ ساڭا ھەمراھ بولىمەن! موتسىكلتنىڭ رولىنى سۇندۇرۋەتكۈدەك كۈچەپ بىرلىۋاتقان ماي كۈچنى كۆرسەتمەكتە. يولنىڭ ئىككى تەرپىدىكى سالاسالا ئېتىزلار، ئورمان بەلۋاغلىرى، دېھقانلارنىڭ رەتلىك سېلىنغان ئەمىن ئۆيلىرى، ئېرىق- ئۆستەڭلەر ، دەل- دەرەخلەر تىز ئۆتكۈزۈلگەن كىنولىنتسدەك قەيسەرنىڭ كۆز بۇلۇڭلىرىدىن ئىتتىك ئۆتمەكتە ئىدى.ئىككى پۇتى ھىلىلا ئۇچىدىغان بۈركۈتنىڭكىدەك دەسسىگۈچكە تاينىپ تۇراتتى.كەلكۈندەك يامراۋاتقان ياشلىرى ياداڭغۇ بۇرۇت باسقان يۈزىگە تاراملاپ،ھىممىدە كىرشكەن چىش سەۋەبلىك پۈرۈشكەن ئېغىزنىڭ ئىككى تەرپىدە سىزىقچە ھاسىل قىلپ ئاندىن، كۈچلۈك شامال تەسىرىدە ھەريان چېچىلاتتى.راس! ئۇ ئۇچۇشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىدى.ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئارزۇ شۇتاپتا ئۇنىڭ ئەقىل ۋەھەركىتنى پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئالغان ئىدى.جامدەك ئېچىلغان جاھىل كۆزلەرگە نە نويابىرنىڭ ئاچچىق سوغىقى، نە بىرخەتەرلەر تەسىر قىلالمىدى.بولسا كىتىپ بېرپلا گۆممىدە يىقلسا، ھېچكىم كۆرمەستە ئۆلۈپ كەتسە…بىرتال چوڭراق تاش، بىرئەسكى كاتاڭ، ياكى بىرتال سىتولبا خالىغان بىرى بولسىلا كۇپايە. -ھازىر ھازىرلا…چاچلىرىڭنى تارايمەن،مەن…مەن ئەمدى سىنى يالغۇز قويمايمەن ،ئەنسىرەتمەيمەن، بۇرۇنقىدەك سەن سېغىنغان، تەلمۈردىغان چاغلىرىمىزدەك ياشايمىز!ۋاي، بىۋاپا…مىنى ساقلا، مەنمۇ ئادەم بولىمەن، ساڭا چىدىمايمەن يېنىمدا بول !دىمىگەنمىدىم، سەنمۇ چىدىمايتتىڭغۇ بىزگە؟ چىدىمغانلىرىڭ قېنى؟ سەن چىدىمايدىغان باللار نەدە قالدى؟ ۋاي باللىرىم…ۋاي بىچارە باللىرىم… تەلۋە خىياللار يۈگۈرۈپ مۇشۇيەرگە كەلگەندە، بالىلار نەدە قالدى ؟دىگەن بۇسوئال ئۇنىڭ ئەقىل سەزگۈسىگە بىرچىلەك سوغوق سۇقۇيىۋەتتى. قوللار ماي تەپكىسدىن ئاستا-ئاستا بوشاپ ئوڭ پۇت تورمۇز دەستىسىگە قادالغاندا قەيسەر ئۆزنى موتسىكلىت ئۈستىگە تاشلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. پۈتۈنسۈرۈك ئەركەكنىڭ زارىدىن ئويغاپاتقان قەبرىستانلىقتا يېڭىدىن قوپۇرۇلغان بىرقەبرە ئاي نۇرىدا ھەممنى ئۇنتىغاندەك سۈكۈتتە زومچىيىپ تۇراتتى. -خان، ئىپارخان…شۇنداقمۇقىلامسەن؟ مىنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ كىتەمسەن؟ ئەجەپ قىلدىڭا، ۋاي يۈركىم ۋاي يۈركىم… مىنى ئۆينى تۇتالمايدۇ، بالىلارنى باقالمايدۇ، مەنسىز ياشالمايدۇ دەپ سىناۋاتقىنڭمۇ بۇ؟ قەستەن قىلىدىڭ ھە؟ خەپ ئالدىرىماي تۇر! كۆرىسەن تېخى، سەن بولمىغانغا ئۆلۈپ قالمايمەن. قاراپ تۇر ۋاپاسىز، قانداق ياشايمەنكى…سىنى بەك ياخشى كۆرەتتىمغۇ؟ مەڭگۈ قولۇڭنى تۇتۇپ كەينىڭدىن ئەگىشمەن دىگەنلىرىڭ قېنى؟ نىمىشقا…نىمىشقا…بۇنچە ئاسانلا كىتىپ قالىسەن؟ ھۈھۈھۈھۈ تۇتقۇچلىرى ئىگلىپ كەتكەن تۆمۈر ئشىك غىچىرلاپ ئېچىلدى، قەيسەرنىڭ ماغدۇرسىز پۇتلىرى كۈللىرى دۆۋلىشىپ كەتكەن مەش ئالدىغا كىلىپ توختىدى.قاتار ياتقان تۆت بالا ھىلىلا ئۇرۇشۇپ قالغاندەك ئۆينى مالىماتاڭ قىلىۋەتكەن ئىدى.چوڭ قىزى نىگار ياستۇقتىن بېشنى ساڭگىلتىپ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە بېشنى قويۇپ ، ئىككىنچى ئوغلى ئەسقەر ئىنىسى قەمەرگە دۈمبىسنى قىلىپ يوتقاننىڭ ئۈستىدىلا ، ئەڭ كىچىك قىزى سەلىمە كۆزلىرى ياش يۇقى ئاچىسنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى.باللارنىڭ ھەممىسى پۈتۈن كيىمى بىلەن ھەتتا پايپىقىنمۇ سالمايلاشۇ پىتى يېتىپتۇ، مەش ئالدىدىكى قالايمىقان چېچىلغان قوناق مەدىكى ۋە قەغەزلەرگە قارىغاندا باللار ئوت قالىغان بولسا كىرەك.ئۆيدە كۆمۈر بولمىغاچقا ئوت تىزلا ئۆچۈپ ئۆي مۇزلاپ كەتكەن ئىدى، قەيسەرنىڭ كۆزلىرىگە يەنە يىغا ئولاشتى، موخۇركىسىنى يۆگىگەچ زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يەنە پىچىرلاشقا باشلىدى، -مەنمۇ ئادەم بولدۇممۇ ؟مەنمۇ دادا بولدۇممۇ؟ۋاي بىچارە نىگار قىزىم،ئاناڭ بولغان بولسا مۇشۇنداق ھالقىلق چاغدا سەنمۇ بۇقەدەر قىينالمىغان جاپادا،ئەلەمدە قالمىغان بولاتتىڭ، شىنجاڭ ئىچىدىكى نوقتىلىق تولۇقسىزئوتتۇرائىمتاھانىغا نەچچە كۈنلا قالدى،ئاناڭنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالاسەنمۇ بالام!ئەجەپ كۈنگە قالدۇققۇ، ۋاي ئانىسنىڭ ئەركە تايلىرى ،روھى تۈۋرۈكى ئوغۇللىرىم،ئەركىلىكڭلار يوق بولدىغۇ ئەمدى!سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ كۆڭلىدىكدەك تەربىيلىيەلەرمەنمۇ؟ ياكى ئۆزۈمگە ئوخشاش قۇلاق كەستى، قارغىش قېپى نادان قىپ قۇيارمەنمۇ؟ جېنىم قىزىم! ئۇماق بالام سەلىمە سىزگە نىمە دەي!ئانام قېنى ؟دادا ئانام قاچان كىلىدۇ؟دىگەن سۇئاللىرىڭىزغا قانداق جاۋاب بىرەي!ھەممنى قىلغان مەن باللىرىم، مەن جاھىل سىلەرنى ئانىسىز قىلدىم،ھەممىگە مەن ئەيپلىك، سەلىمەنىڭ نىمىلەرنىدۇر دەپ ئىڭراپ جۆيلىشدىن قەيسەر ئۆزىنىڭ ئاۋازنىڭ بەكرەك چىقىپ كەتكەنلىكنى ھىس قىلدى،مۇخۇركىسنى ياشلىرى بىلەن نەمدىلىپ كەتكەن كۈلگە پاتۇرۇپ ئۆچۈرۈپ، باللارنىڭ كىيمنى سالدۇرۇپ،يوتقانلىرنى ئوڭلغاچ يەنە ئىپارنى ئەسلەپ قالدى، -ئايييي قويۇڭلار ،باللارنى ئويغىتىپ، قىيناپ يۈردىكەنسىلە -كىيمى بىلەن ياتسا راھەت ياتالمايدۇ دادىسى، -يا ئۇخلىماستا سالدۇرماي، قۇيۇڭلا ئۇيقۇسىنى بۇزماي، ھېچنمە بولمايدۇ،بىرە ئاخشاملىققا -سىلە شۇنداق دىگەن بىلەن ھاشار چاپقاندەك ھېرىپ قوپىدۇ ئەتىسى، شۇنداق گەپلەر تالاي تەكرارلانسىمۇ باللانىڭ كىيمى بىرە كۈن سالدۇرۇلماي قالمايتتى.نىگارنىڭ بېشدىكى تاپشۇرۇق دەپتىرنى ئاستاتارتىپ ئېلىۋىدى،نىگارئويغۇنۇپ چۆچۈگەندەك دادىسنى چاقىردى، ھە-دىدى ئۇمۇئەندىكىپ ،بىراق قىزى ئۇيقۇچان كۆزلىرى بىلەن غۇۋا قاراپ قۇيۇپ،چىرايغا كۈلكە يۈگۈرگەندەك بولۇپ ئۇخلاپ قالدى.دىمەك قىز جۆيلىگەن ئىدى.قەيسەر ئاستا ئىڭىشىپ قىزىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەن چىكە چاچلىرنى كەينىگە يېنىش يېنىشلاپ تاراپ قويدى،ئاندىن بىر ئۇھ تارتىۋتىپ،ھويلىدىن بىرخالتا مەدەك ئېلىپ كىرىپ مەشكە ئوت ياقتى،مەش ئالدىدىكى كۈللەرنى كۆمۈر چىلكگە ئېلىپ،ئشىك سىرتىغا ئەپ چىقۋەتكەندىن كىيىن،مەشنىڭ ئەتراپنى سۈپۈرۈپ،ئۆينى ئازراق ئۆيگە ئوخشايدىغان ھالەتكە ئەپكەلدى.ئۆي خېلىلا ئىسسىپ قالغان بولۇپ بايىدىن غۇژمەكلىشىپ تۈگۈلىۋالغان بالىلار مانا ئەمدى،پۇت-قوللىرنى كىرىپ سۇزۇلۇشتى. قەيسەر بىر-بىرلەپ باللارنىڭ يوتقانلىرنى ئوڭشاپ،كىيملىرنى سالدۇرۇشقا باشلىدى.ئوغۇللىرىنىڭ پايپاقلىرى كىرلىشىپ قېتىپ كەتكەن ئىدى.كىچىككىنە سەلىمە پۇتىغا پايپاقمۇ كىيمىگەن بولسا كىرەك بۇدرۇق پۇتلىرى ھىلىھەممۇ مۇزدەك تۇراتتى.نىگارنىڭ كىيمنى سالدۇرۇش ئەپسىزئىدى، ئۇنىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ تۈزلەپ ياتقۇزۇپ قويماقچى بولۇپ كۆتۈرىۋدى مەيدىسى ئاستىدىن كۆرۈنگەن مېغىز رەڭلىك قېلىن خاتىرە دەپتەر قەيسەرگە تونۇشلا كۆرۈندى،ئەمما قاچان قايسى چاغدا كۆرگىننى ئىسگە ئالالمىدى.ئۇ قىزىنى ئاستا ياتقۇزۇپ قويۇپ، مەشكە مەدەك تولدۇرۋەتكەندىن كىيىن،خاتىرنىڭ بىرىنچى بىتنى ئېچىپ، خۇش خەتچە يېزىلغان (گۈل ئۆزۈڭ گۈلدەك ياشا، ئىپارنىڭ كۆڭۈل سىرلىرى)دىگەن خەتلەرنى كۆرۈپ،ئەسلىدىنلايۇغان كۆزلىرى جامدەك ئېچلىپ كەتتى.تىترەپ تۇرغان بارماقلىرى بىلەن ئىككىنچى بەتنى ئۆرىدى،بۇ ئىپارنىڭ خاتىرسى بولۇپ،تۇنۇش پوچۇركىلار ۋاراق يۈزىدە قەدىناس سىماھقا ئايلىنىپ كۈلەتتى، يىغلايتتى…ئىلان دەسسەپ داۋامىغا ئۆتەيلى ئاڭلا خاتىرەم مەن بۈگۈن ساڭا شۇنداق قۇرلارنى پۈتمەكچىمەن.مەن ئاشىققا ئايلاندىم. ئۇنىڭ ھەر قانداق قىلىقى يۈرىكىمنى تېپچەكلىتىدۇ . مۇنداقلا بىر قاراپ قويۇشى خۇشاللىقىمنى پەلەككە كۆتۈرسە ، ئاۋازىنڭ سەللا يۇقىرى چىقىپ كېتىشى مېنى ئەلەم دەرياسىغا غەرق قىلىدۇ . توي قىلغىنىمىزغا ئالتە ئايدىن ئېشىپتۇ . ھاياتىمنىڭ ھەر قانداق بىر يىلىنى مۇشۇ كۈنلىرىمنىڭ بىرسىگە تەڭ قىلالمايمەن . شۇ قەدەر مەنىلىك ، شۇ قەدەر رەڭدار . ئۇنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالارمەن دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن . ئۇنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭ چاچلىرى ئۇنىڭ تۇرقى ۋە ئۇنىڭدىكى ھىد مېنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالدى . خاتىرەم سەن بىلىسەن . مەن توي قىلىشتىن بۇرۇن بىرەر ئوغۇل بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقمىغان . ھەم تۇتۇشنى خىيالمۇ قىلمىغان، ئالتە ئاي ئىلگىرىلا مەن تېخى توي قىلشتىن يىرگىندىغان، مۇھەببەتنى چۈشەنمەيدىغان، ھەم ھازىرقى ئاشىقمغا نەپرەتلىندىغان ئارمانغا باي بىر قىز ئىدىم. چۈنكى ئۇ مىنىڭ ئارزۇلىرىمنىڭ قاتىلى ئىدى،ئۈمىد يوللىرىمغا ئوت قۇيۇپ، نىشان گۈللىرىمنى قۇرۇتقان رەھىمسىز قاتىل ئىدى، ئۇنىڭغا نەپرەتلىندىغانلقىمنى ساڭا ئېيتقان ئىدىم، ئەمما توي قىلپلا ئۇنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلقىمنى زادى ئويلىماپتىكەنمەن. <بىلگەن بولسام تىزراق ماقۇل دەيدىكەنمە ئەسلى... خى خى خى ساڭا بىر ئشنى دەپ بىرەي، تۈنۈگۈن چۈشتە ئۇ بىر ئاغىنسنىڭ ئۆيىگە كەتكەن، كۈن پاتقۇچە كەلمىدى، كەچ بولغانچە سېغىنشىم ھەدىدىن ئېشىپ، ئۈزەمچە يالغۇزلۇق ھىس قىلشقا باشلىدىم، ئاخىرى بولماي ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۆتەك ئورۇندۇقتا ئۇنى ساقلىدىم. ئۆيدىكى چوڭلار تامىقنى يەپلا يېتىپ قېلشقان ئىدى، مىنىمۇ ياتتى دەپ ئويلايتتى، شامال گۈرۈلدەپ ئىچىمگە قورقۇنىچ سېلىپ تۇرسىمۇ كىرىپ كەتكۈم كەلمىدى، كۈزۈم ئۇ كەلمەكچى بولغان تەرەپكە قاراپ قېتىپ قالغان ئىدى، قۇلىقمغا بولسا ئۇنىڭ موتسىكلىتنىڭ ئۈنى سۇس ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بىر كەمدە ئۇ راسلا كەلدى، ھەم مىنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدى، بىز موتسىكلىتقا مىنگىشپ ھويلىغا كىردۇق. شۇچاغدا سائەت 12 گە ئازلا قاپتىكەن. بىرچاغدا بىرسنى ئىرى سەپەرگە كەتسە ئاياغ ئىزىغا غەلۋىر كۆمتۈرۈپ قۇيۇپ ، سېغىنغاندا ئاياغ ئىزىغا قاراپ يىغلايدىكەن دىسە كۈلۈپ مەسخىرە قىپتىكەنمەن، مانا ئەمدى مەن ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كەتتىممۇ قانداق؟ ئشقىلپ خاتىرەم ماڭا بەخىت تىلىگىن، ئۇ مەڭگۈ مىنىڭ بولسۇن. ھەرقانداق بىرسنىڭ ئۇنىڭغا تىكلىپ قارىشغا،ئەركىن چاقچاق قىلشىغا،ئىشقىلپ مەندىنمۇيېقىن بولۇشىغا ھەرگىز چىدىمايمەن، ئۇنى سۈيىمەن، قەيسىرىم سىنى سۈيىمەن. 2000يىلى 5.ئاينىڭ18.كۈنى نەملەنگەن خاتىرە بەتلىرى قەيسەرنىڭ يىغىدىن غۇۋالاشقان كۆزلىرىگە سۈيۈملۈك ئايالى ئىپارنىڭ ئۆزى بولۇپ كۈرۈنەتتى، ئاۋازىمۇ ئەينەن ئاڭلانغاندەك بولدى، ئۇ خاتىرنى يۈزىگە بېسىپ سۈيۈشكە يېنىش يېنشلاپ پۇراشقا باشلىدى.

2-قىسىم

نەملەنگەن خاتىرە بەتلىرى قەيسەرنىڭ يىغىدىن غۇۋالاشقان كۆزلىرىگە سۈيۈملۈك ئايالى ئىپارنىڭ ئۆزى بولۇپ كۈرۈنەتتى، ئاۋازىمۇ ئەينەن ئاڭلانغاندەك بولدى، ئۇ خاتىرنى يۈزىگە بېسىپ سۈيۈشكە يېنىش يېنشلاپ پۇراشقا باشلىدى، مەيدىسگە تېڭىپ باقتى، ئاھ…تونۇش پۇراق، جاندىن كىچشكە ئەرزىيدىغان مۇھەببەتلىك پۇراق. ئۆي بىر ئاز مۇزلىغاندەك قىلاتتى، قەيسەر مەشكە لىققىدە مەدەك تولغۇزىۋتىپ بىرتال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ خاتىرىنىڭ نەم بەتلىرنى مەشكە قاقلىغاچ خىيالغا پاتتى. ھەئە، قانداق شىرىن كۈنلەر ئىدى ھە، كەچكىچە ئوغىرلىقچە بېقىششىلار، ئۆزلىرىلا چۈشنەلەيدىغان ھەييار ئىپادىلەر، بىردەمدىلا ماي تارتىشىپ دومسىيشقان ئۇماق چىرايلار، دۈپۈلدەپ ئوت يانغان يۈرەكلەر، كەچ بولۇشنى كۈتۈپ زارىققان تۇيغۇلار، كىچىچە گىپى تۈگىمەي ئېتىپ كىتۋاتقان تاڭلار…ئاجايىپ غەمسىز ئاجايىپ شىرىن كۈنلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ چاغلاردا قەيسەر تىرە تىجارىتى قىلاتتى. يېشىنىڭ كىچىك بولۇشىغا قارىماي، سودىدا مەرىت ھەم كەسكىن ئىدى. يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلار ئۆيىدە سويغان قوينىڭ تىرسنى ئۇنىڭغا بىرەتتى. بازار كۈنى بازاردا، بازار ئەمەس كۈنلىرى موتسىكلىت بىلەن مەھەللە ئارىلاپ يۈرۈپ تىرە سېتىۋالاتتى. بەك جىق پايدا ئېلىپ كەتمىسمۇ ئۆينىڭ گۆش ئوتياش چىقمنى، موتسىكلىتغا قاچىلايدىغان ماينىڭ، دوسلىرى بىلەن ئوينايدىغاننىڭ دەردىنى تارتىشقا يىتەتتى. ھېيىت كۈنلىرىدە مەھەللىمۇ مەھەللە يۈرۈپ يۈزدىن ئارتۇق تىرە يىغۋالاتتى. بۇ ئايغى چاققان مەرىت يىگتكە پۈتۈن مەھەللىدىكلەر ئامراق ئىدى، شۇنىڭدىنمۇ ئۇنىڭ ئاغىنسى كۆپ ئىدى، تىجارەتچىلەردىن تەڭتۇشلاردىن، قىمارۋازلاردىن، خىزمەتچىلەردىن، ھەتتا بىكارچى ئويۇنچىلاردىنمۇ ئاغىنسى تېپىلاتتى. ھىلى ئۇنىڭ تويى دىسە ھىلى بۇنىڭ ئولتۇرشى دەپ ئۆيدە تۈزۈكمۇ تۇرالمايتتى. ئۆينىڭ ئېتز -ئېرىق، ئۇلاغ -چارۋا ئشلىرىغا ئانىسى، دادىسى ئىپار ئۈچىسى يىتىشەتتى. تازا قول كەسكۈدەك ئورما پەيتىدە ئاللىقانداق دوسلىرىنىڭ كۆڭلىنى دەپ شەھەر سەيلىسىگە بىمالال كىتىۋىرەتتى. چۈنكى ئاتا ئانىسى ئۇنىڭ ھەرقانداق ئىشنى قوللايتتى، گىپنى يىرمايتتى. ئىپارنىڭ بەزىدە نارازى بوپقالغنى چىرايىغا چىقسىمۇ ئېغىزدىن چىقىرالمايتتى. بىر قېتىم ئاغىنسى سىدىقنىڭ چاقىرشى بىلەن ئۇ باشقا مەھەللىگە مەشرەپكە ماڭماقچى بولغان ئىدى. ئىپارئۆتۈنۈش تەلەپپۇزى بىلەن ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ بارمىسڭىز زادى بولماسمۇ؟كەچتە بىنەمدىكى كىۋەزگە سۇنۆۋىتى كىلدىكەن دىگەن ئىدى ، تىرىلەرنى ئېچىپ تۇزلاۋاتقان دادىسى -قەيسەرجان بولمىغانغا ئۆستەڭ توختاپ قالماس دەپ ئالايغان. ئاھ ئىپارىم ئەجەپمۇ قىيناپتىكەنمەن سىنى …شۇكۈنى مەشرەپتىن يېرىم كىچىدە كەلسەم تېخىچە سۇقويغان ئېتزدا ئىكەنسەن.پۇتۇڭدائاياغمۇ يوق، كىيمىڭ بىلىڭگىچە ھۆل ، ھارغىن تۇرقۇڭغا قاراپ ئازراق ئىچىم ئېچشىپ قولۇڭدىن كەتمەننى ئالغان ئىدىم، دادامنىڭ كىيمىڭنى لاي قىلغۇدەك ئىش يوق، ئۆيگە كىرىپ كەت دىگەن گىپى سىنىڭ ھەئە كىتىڭ، ئارام ئالغاچ تۇرۇڭ دەپ ماقۇللىشىڭ بىلەن ئۆيگە كىتپتىكەنمەن.نىمىشقا ياق دادا ،لاي بولسام مەيلى، بۇئەركەكلەر قىلدىغان ئىش ،مەن ئوغۇل بالا دەپ چىڭ تۇرمىغاندىمەن، ئېغىزڭدا كەت دەپ قويغىنىڭ بىلەن كۆزلىرڭدىن مىنى يېنمدا بولسىكەن دىگەن ئىلتىجالىرىڭنى مەن ھىس قىلغانتىمغۇ؟مەنمۇ سىنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتىم خۇتۇن،ئىككلىمىزنىڭ خىيالىدا يوق چوڭلار ئورۇنلاشتۇرغان توي ئىشىمىزغا مەنمۇ باشتا بەكلاقارشى تۇرغان،مەندىن ئىككى ياش چوڭ تۇرسا،ئاغىنلىرمنىڭ ئالدىدا قانداق يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن،شۇڭا ساڭا پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلغان ئىدىم،قانچە قېتملاپ يۈرىكڭگە ئازار بەرگەندىمەن ھە!قەيسەر غەمكىن كۆزلىرىنى مەشنىڭ قارشى تەرىپگە تىكتى،ئەنە ئىپارقولىدا زىخنى تۇتقىنچە قەيسەرگە كۈلۈمسىرەپ ئوتلۇق بېقىپ ئولتۇراتتى.ئۆي ئىچنى قاسقاندىكى پىتىر مانتىنىڭ پۇرىقى بىر ئالغان،مەشتە ئوت، كۆزلەردە ئوت،يۈرەكلەردىمۇ ئوت…قەيسەر كۈلۈمسىرەپ قولىنى ئۇزاتتى، ئەمما قولىغا ئۇرۇلغىنى ئىپارنىڭ قولى ئەمەس ئىلمان مەش بولدى.ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ مەشكە ئوتۇن لىقلاپ قۇيۇپ، خاتىرنىڭ كىينكى بىتىنى ئاچتى. ئىلاننى چىكىۋىتىپ ئاندىن ئوقۇيلى خاتىرىنى ھاياجان ھاياجان ھاياجان … ئاڭلا خاتىرەم !مەن ئاخىرى ھامىلدار بوپتىمەن،گەرچە گېلىمدىن تاماق ئۆتمىسىمۇ، گەرچە ياندۇرۇپ قىينلىپلا يۈرسەممۇ، گەرچە نازۇكلىشىپ يىغلاڭغۇ بوپقالغان بولساممۇ شۇتاپتا مەن بەكلا خۇشال. ھىلىمۇ بىريىلدىن ئېشپتۇ بۇ خۇش خەۋەرنى ساقلاۋاتقىلى، مەيلى ئەمەسمۇ ؟قانچە جاپا تارتسام ئەرزىيدۇ. مەن ئۈچۈن بۇ جاپالار جاپا ئەمەس ئۇنتۇلغۇسىز ھۇزۇرلۇق جەريان. دوختۇر ھاملىدار بوپسىز دىگەن چاغدا پۈتۈن بەدىنىم بىرخىل تىترىگەندەك بوپكەتتى، ھەتتا گەپ سۆزلىرىممۇ تەييار چۆپتەك بۈدىرە چىقماقتا ئىدى. ئشقىلپ ئاخىرى بالىلق بولغۇدەكمىز. ئاۋازىمنى قويۇۋىتىپ يىغلىغۇم بار ئىدى ئۇنداق قىلمىدىم.پەرزەنىتنىڭ ئايال كىشى ئۈچۈن نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقىنى بىلەمسەن؟پەرزەنىتلىك بولۇش جاپالىق بەخىت…ھۇزۇرلۇق دەرىت…لەززەتلىك مەسئۇلىيەت. مەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈمگە ئېلىشقا شۇنچە ئىنتىزار،شۇنچە مۇشتاق، پەرزەنىتلىك بولالماي قەيسەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇپ، ئائىلمىزنىڭ چىرىقنى ئۆچۈرۈپ قويامدىمەنمىكىن دەپ بەكلا ئەنسىرىگەن ھەم بىر تۈرلۈك ئازابلىق قارارلارنى ئويلىشىپ ئۈزەمچە قايغۇرۇپ يۈرۈپتىمەن. ھەرنىمە بولسا ئۈمىد چىرىقمنى ياندۇرۇپ ،بالام بار بولدى، ئەمدى ئۆيۈم بۇزۇلمايدىغان، تويدىن كىيىن بولسىمۇ كۆكلەپ پورەكلەپ ئېچلىغان مۇھەببەت گۈلزارلىقىم سۇسىز قالمايدىغان بولدى. تەكلىماكاندا كىتىۋېتىپ بىر كومزەك سۇغا يولۇققان يولۇچىدەك چەكسىز ھاياجاندىمەن. ھازىر ئىشلار باشقىچە، سەن تونۇيدىغان قەيسەرجان يوق ، ياندۇرسام مەيدەڭلا بەك ئېچىشۋاتامدۇ دەيدۇ، نىمە يىگۈڭلار با دەپ سوراپ قويىدۇ تېخى.لىققىدە سۆيگۈ ئاقىدىغان دەريادا لەيلەۋاتقاندەك تاتلىق تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن، ئانام داداملارمۇ شۇنداق خوشال، ئشقىلپ ھامىلداربولسا ياخشىكەن جۇمۇ!يىلدا بىردىن تۇغىدىغان ئشمىكىن ،خى خى خى،دىگەن بىلەن تەربىيلىمەك باربالىنى، بىر بالنى ساغلام،ساپالىق،تەربىيلەش ئۈچۈن قانچىلك چىقىم ۋە بېسىمغا دۈچ كىلدىغانلىقىمىزنى تەجىرىبەم بولمىسمۇ ئويلىغۇچىلكىم با،ئىشقىلىپ مەيلى قىز بولسۇن مەيلى ئوغۇل بولسۇن ساق -سالامەت يەڭگىۋالساملا،پۈتۈن زىھنمنى سەرىپ قىلىپ بولسىمۇ ئەڭ ياخشى ھالەتتە تەربىيەلەيمەن. ھەرگىزمۇ ئۆزۈمدەك تۇرمۇش دەرياسىغا چۈشۈپ كەتكەن ،بىر پارچە ئوت كەبى ئارمانسىز قويمايمەن. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ نىمەم كەتسىمۇ ئارمانلىرىغايەتكۈزىمەن يۈرەك پارەمنى،جېنىم بالام ساغلام تۇغۇلغايسەن!

،ئاپئاق قۇزام تاتلىق توشقىنىم

.سەن بارلىقىم،ئۈمىد-ئارمانىم

،سەن بار بولدۇڭ، غەيرەتكە تولدۇم

.پارلىماقتا ھايات نىشانىم


،خىيال سۈرۈپ سىنىڭ ھەققىدە

.ئۇزۇن-ئۇزۇن تۇرۇپ كىتىمەن

،ساراڭ مەجرۇھ ئادەملەر كەبى

.گاھى يىغلاپ، كۈلۈپ كىتىمەن


،گالىستۇكنى تاقاپ بوينۇڭغا

.ئېلىپ كەلسەڭ تەقدىرنامىنى

،ئاپىرىن دەپ كۆتۈرسە داداڭ

.ئۇنتۇپ كەتسەك جەبىر-جاپانى


،خاررىۋارىتتىن كەلسە چاقىرىق

.مەشرەپ بەرسەك يۇرتقاقوي سۇيۇپ

،ياش ئالاتتىم كۆزۈمگە بالام

.ئارزۇ گۈلۈم كۈلسە چوغلۇنۇپ


،تېخنىك بولۇپ ئېتىز قىرىدا

.دېھقانلارنىڭ غېمىنى يىسەڭ

،يېرىلارمۇ يۈرىكۈم قوزام

.بۇياق مىنىڭ ئانامتى دىسەڭ


،مەيلى ئالىم بولالمىساڭمۇ

.چىن مەنىدىن ئادەم بول بالام

،ساغلام، خوشال ياشاشنى ئىزدە

.ھاياتىڭدا قۇتقا تول بالام


،ھەر جاپاغا تۈرۈپ يېڭمنى،

.سىنىڭ ئۈچۈن ياشايمەن ئەمدى.

،سىنىڭ بولسۇن مىنڭدە بارى

.ھاياتىممۇ سىنڭدۇر بەلكى

يىل خاسىيەتلىك 2-نويابىر 2001


قەيسەر ئاستا بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزى نىگارغا مىھرى بىلەن تىكلدى. پىشانىسگە يەڭگىل سۈيۈپ قۇيۇپ چۇڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كىيىن، مەشكە يەنە ئوتۇن لىقلىدى. ھەئە…شۇچاغدا پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنىڭ ئىدى. ئۇلار بىر-بىرىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى، قەيسەر بىردەم -يېرىمدەم سەۋەبسىزلا ئۆيگە كىرىمسە ئىپارنىڭ ئۇششۇقلىقى تۇتۇپ، نەگە كەتتىڭىز؟دەپ مۆلدۈرلەپ كۆزىگە ياش ئالاتتى. قەيسەرنىڭ تۇرۇپ كۈلگۈسى كەلسە تۇرۇپلا قەپەز ئىچگە كىرىپ قالغاندەك دىمى سىقلىپ كىتەتتى، شۇنداقتىمۇ سۈيۈملۈك بالسنى ھەم ئامراق خوتۇنىنى دەپ چىداپ يۈرەتتى. كىچىلىرى ئىپار تۇيۇقسىزلا قەيسەرنىڭ قولىنى تارتىپ قورسىقنىڭ ئۈستىگە ئەپ قۇياتتى، دەسلەپكى كۈنلەردىكى قاپاق تارتقاندەك يەڭگىل لىپلداشلار، كىينكى كۈنلەردىكى قورساقنى تىشۋەتكۈدەك لۆمۈلدەشلەر ھىلىمۇ قەيسەرنىڭ ئالقان سىزملىرىنى تاتلىق بىر تۇيغۇدا غىدىقلىغاندەك قىلاتتى. قوچقار ئوغلۇم مىنىڭ دەپ ھىجىيىپ قۇياتتى ئۇ، قەيسەر بىرلا بالا بولغاچقا ئاتا ئانسىمۇ قەۋەت خۇشال ئىدى. ھەممەيلەننى زارقتۇرغان ئۇ كۈن ئاخىرى يىتىپ كىلپ، ئىپارنىڭ قورسىقى ئاغرىدى، تۇنجى بالا بولغاچقىمۇ ئەيتاۋۇر بۇ ياش تەجرىبىسىز ئەرخۇتۇن بەكلا جىددىيلەشكەن ئىدى. ئىككى ئانا قارا تەر ئىچىدە قالغان ئىپارنى ھەدەپ ئىنجىقلاشقا ئۈندەيتتى، لىۋىگە چىشى پېتىپ كەتكەن ئىپار، بىر قولىدا تامنى تىرەپ تۇرۇپ قاتتىق ئىنجىقلايتتى، ئىشىك سىرتىدا پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تىپىرلاپ كەتكەن قەيسەر توختىماي ئۇياقتىن بۇياققا ماڭغاچ ، ئۆز ئۆزىنى ئەيىبلەپ كەتكەن ئىدى. ئىككى قېتىملىق قاتتىق ۋارقىراشتىن كېيىن ئاڭلانغان زىل قىرقىراش ئاۋازقەيسەرنىڭ يۈرىكىنى تىپچەكلەتكەن. - بالام مۇبارەك بولسۇن . دادا بولدىلا ، بالا ساق سالامەت تۇغۇلدى،دىگەن ئىدى قېينانسى - ئانىسىچۇ ؟ - ئىپار خېنىممۇ تىچلىق بالام . بالام ئوغۇلمۇ قىزمۇ دىگەن تىلىنىڭ ئۇچىغىلا كىپقالغان سۇئالنى ئۇ ئىچىگە يۈتىۋەتكەن، ۋە كەينىدىنلا قاپىقى ساڭگىلاپ كەتكەن ئانىسنىڭ چىرايىغا قاراپ بالىنىڭ قىز ئىكەنلكىنى پەرەز قىلغان ئىدى. باشتا قەيسەرنىڭمۇ ئازراق كۆڭلى يېرىم بولغان، كىيىن قىزىغا ئىچەكىشىپ كەتكەنلىكتىن قىز بولسا نىم بوپتۇ، ئوغۇل بولسا نىم بوپتۇ، يەنە پۇرسەت باغۇ دەپ ئويلاپ مىھىرلىك دادا بولىۋەرگەن ئىدى. ئەمما ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ ئىپارغا بولغان مۇئامىلسى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن ئىدى، ئىپار شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ئۆتكۈزىۋەتكەن. -قەيسەرجان قىزىڭلا چاقىۋاتىدۇ، -دادىسى قاراڭلا بالىمىز ئۆملەپتۇ، -قىزىم دادىڭىزنى ھاببا ئىتىپ قۇيىڭە، قىزىم دادىڭىزغا باشاڭ ئىتىپ بىرىڭە. ئىپار يۇقارقىدەك ئاددى ھەم مۇھەببەتلىك سۆزلىرى بىلەن بۇ ئاتا بالىنىڭ رشتسنى چەمبەرچەس باغلاپ تۇراتتى، قەيسەرنىڭ ھىلىمۇ ئىسىدە، بىرقېتىم ئۇ قىزىنى ئەركىلتىپ مېڭىۋرىپ ئالدىدىكى ئۆرەككە چۈشۈپ كىتىپ بىرمۇنچە كۈلكگە قالغان. قەيسەر مىيقىدا كۈلۈپ قويدى، ھەقىقەتەن كۈلگۈدەك، كۈلىۋالغۇدەك كۈنلەر ئىكەن ئەمەسمۇ؟كىيىنكى كۈنلىرىم نىمشقا ئۇنداق كۈلكىگە تولماي قالدى؟ئەشۇ ساپ، پاكىزە بەختىمنى كىم يۈتتۈرىۋەتتى؟مەن نىمنى ئارزۇ قىلسام شۇمىنىڭ بولدى، ئايالمنىڭ ۋاپادار بولۇشىنى كۈتكەن ئىدىم ۋاپادار چىقتى، ئوغۇللۇق بولۇشنى ئۈمد قىلاتتىم،بىر ئەمەس ئىككى ئوغلۇم بولدى،باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىگىلمەي مەغرۇر ياشاشنى ئىزدىگەن ئىدىم،شان شۆھرەت ،پۇل بايلىق مەندىن ئايلاندى.شۇنداق تۇرۇپ مەن يەنە نىمىشقا كۈلەلمىدىم؟ ھەئە ئۈچىڭ يوقاتتىڭ .مىنىڭ كۈلكەمنى، ئاتا ئانامنىڭ خوتۇن توغرىسدىكى كوتلىداشلىرى، خوتۇنۇمنىڭ بالىلارنى پەش قىلپ ئۆيگەبەنىت قىلماقچى بولۇشى، دوسلىرمدىن ئايرىماقچى بولۇشلىرى مىنى ناخۇش ئادەمگە ئايلاندۇردى، مىنى ياخشى كۆرەمىش! ياخشى كۆرگىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلامىش. ياخشى كۆرگەن ئادەممۇ سەنلەردەك بولامدۇ، ياخشى كۆرگەن ئادەم تاشلاپ كىتەمدۇ؟ نىمشقا مىنى يالغۇز قويىسىلەر؟سىلەرنى كەچۈرمەيمەن، مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن سەنلەرنى… قەيسەر قولىدىكى خاتىرىنى يەرگە ئاتتى. چىكە چاچلىرىنى ھىللىلا يۇلىۋتىدىغاندەك مەھكەم قاماللىۋالغان قوللىرى ئۇرۇق گەۋدىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئېغىر سىلكىنەتتى. -دادا، نان يەيمەن، يەر تېگىدىن چىققاندەك ئاجىز ۋەچۈچۈك بۇ ئاۋازدىن قەيسەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، كىچىك سەلىمەنىڭ ياستۇق ئۈستىدە ئۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ ئولتۇرغانلىقنى كۆردى.

3-قىسىم

3-قىسىم دادا، نان يەيمەن، يەر تېگىدىن چىققاندەك ئاجىز ۋەچۈچۈك بۇ ئاۋازدىن قەيسەر كەينىگە بۇرۇلۇپ، كىچىك سەلىمەنىڭ ياستۇق ئۈستىدە ئۆزىگە مۆلدۈرلەپ قاراپ ئولتۇرغانلىقنى كۆردى. -قورسىقڭىز ئاچتىمۇ قىزىم، -ھەئە بەك ئاچتى، ئۇ ئۆينىدىكى ئىشكاپنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىر پارچە قېتىپ كەتكەن گىردىنى تېپىپ چىشلەپ دىگۈدەك چىنىگە سالدى، -توختاڭ ھە قىزىم ھازىرلا چاي قاينايدۇ، سەلىمە ماقۇل دىگىنچە دادىسنىڭ قۇچىقغا چىقىپ بوينىغا گىرە سالدى، قاسماقلىشىپ قاپقارا بوپكەتكەن بۇ قوللارنىڭ مىھرى شۇنچىلىك ئىسسىق ئىدىكى قەيسەر شۇررىدە ئىرىپ كەتكەندەك بولدى. قىز چاينى ئىچپلا يۈزلىرىنى قىزارتىپ ئەركىلەپ يوتقانغا كىرىپ بولۇپ، -دادا راس ئاۋۇ دەپتەرنى ئەپپىرە، مەن تۇتۇپ ئۇخلاي، بايا ئاچام بەرمىگەنتى، دىدى. قەيسەر يەنە بىر ئۇھ تارتىۋتىپ خاتىرنى قولىغا ئالدى، ۋە -قىزىم سىز ئۇخلاپ تۇرۇڭ، بۇ دەپتەرنى بۈگۈن مەن ئوقۇۋالاي، ئەتە سىزگە بىرەي بولامدۇ دىدى، مەشكە قايتا ئوتۇن لىقلىۋەتكەندىن كىيىن خاتىرنىڭ بىتنى يەنە ئۆرىدى. راس بولغىيمدى دەپ كۆزلىرىگە كۈلكە يۈگۈرتتى قەيسەر. بىر چاغلاردا راس قەيسەرنىڭ كۈنى تەس بولغانتى، ئۆيگە كىرمىسە نەگە باردىڭىز دەپ يىغلاۋاتقان، كىرسە تىرە پۇراپ كەتتى دەپ ياندۇرىۋاتقان، بەزى قىيدىشىپ ھەپتىلەپ گەپ قىلمىغاندا ئىپار جۆيلۈگەن بولۇپ ، ئىسەدەپ قەيسەرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان ئاندىن ئۇلار ئەپلىشىپ قالغان.ئىپارھەقىقەتەن تۇلا ھاللاردا بېشىنى ئۇنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالاتتى.قەيسەر بولسا ئۇنىڭ چېچىنى مىھرى بىلەن سىلاپ قۇياتتى،ئەركە چاچلا بويۇنلىرىغا تەگكەندەك، دىمقىغا ئىپارنىڭ تونۇش ھىدى پۇرىغاندەك بولغان قەيسەر چۇڭقۇر بىر نەپەس ئالدى. توغرا شۇچاغلاردا قەيسەرنىڭ سودىسى تازا يۈرۈشكەن،يىزا بۇيىچە تىرىنى يىغىۋېلىپ، شەھەرگە ئاپىرىپ بىراقلا ساتاتتى، ئالغاندىمۇ بۇرۇنقىدەك بىرتال ئىككى تالدىن تىرىپ يۈرمەي، يىگىرمە ئوتتۇزدىن سېتىۋالاتتى، تىرلەرنى تۇزلايدىغان ، يۆتكەيدىغان، ئېغىر ئشلارغا ئادەم سېتۋالسىمۇ يەنىلا تىرە پۇراپ قالاتتى. ئۇ ئۈزىمۇ بۇ پۇراقتىن بىر قۇتۇلۇپ كىتشنى ئويلاپ يۈرەتتى. ئويلىغنىغا يارىشا نەزەر دىگەن زەھەرلىك يىلان ئۇنى ئازدۇردى. تۈفى ھايۋان دەۋەتتى قەيسەر تۇيۇقسىزلا نەزەر ئىسىگە كىلپ، ئەگەر شۇ قەيسەرنى ئازدۇرمىغان بولسا، كەيىپ سورۇنلىرىغا باشلىمغان بولسا بەلكىم بۈگۈنكىىدەك ئاقىۋەت بولماس ئىدى. نەغمە ناۋا قاينىغان، ئىسىل ھاراقلار قۇيۇلىۋاتقان، چىكىىملىكلەرنىڭ نوچىسى چىكلىۋاتقان قايناق مەنزىرە ئىسدىن كەچكەن قەيسەر تۈكۈرۈكىنى غورتتىدە يۈتىۋەتتى. ھەجەپ بۇزۇپتىكەنمەن پۇلنى شۇچاغدا، كىيىن بېشمغا مۇنداقراق كۈنكەپقالا دەپ پەقەت ئويلىماپتىكەنمەن دىسە،پۇل دىگەن ئوغۇل بالىنىڭ قولنىڭ كىرى، مەن بولساملا پۇل بولىدۇ، مەڭگۈ شۇنداق ئۆتۈپ كىتىمەن،بەلكى ئۇنڭىدىنمۇ مەئىشەتلىك ياشايمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ھەي خاننىڭ، ئانام،داداملارنىڭ كاللىسىمۇ ئشلەپتىكەن ئەسلى ،ئۆزىمىزنى تۇتىۋالايلى، باھارنىڭ قىشى بادىسە پەقەت قۇلاق سالماي،ئۇلارنى مىڭسى كوپراتسىيەدە قالغان مەتۇغا چىقرۋىتىپ ئويۇنۇمنى ئويناۋىرپتىمەن. ئاغىنلەرنى ئائىلەمدىن ئۈستۈن بىلىپتىمەن، قېنى شۇ يەپ قاچار بۇرادارلىرىم،بىرتال توغرا پىكىر بىرىپ بىر قېتىم ئەسقاتقان بولۇشسىچۇ كاشكى،تۇزكور نائەھلىلەر…ۋاي ئاغىنەم ،ئادشىم سەندەكنى تاپقىلى بولمايدۇ دىسە دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ كىتپتىمەن، ئەسقاتمىسمىغۇ ئەسقاتمىسۇن ھېچ بولمىسا كەينمدىن ئورا كولىماي،خەلقالەمگە سازايى قىلماي يۈرگەن بولسىمۇ مەيلى ئىدىغۇ؟يىقىلۋىدىم بىرنچى بوپ قاقاقلاپ كۈلۈپ مەسخىرە قىلغانلار ئەڭ كۆپ پۇلۇمنى خەجلىگەنلەر بولدى، لەنەتتەگگۈرلەر… ئۆزۈمنىڭ قېرىنداشلىرى، يۇرتداشلىرىم، تەڭتۇشلىرىم دەپ شۇنچە قىپتىمەن،ۋاقتى كەلگەندەبەش كويغا بىرتال پىۋا ئېلىپ مە ئاداش دىگلى ياراشمىدى.سەن خۇمسا گۇيلاردىنغۇ ۋاپا كەلمەيتتى زادى.ئۆزۈمگە ئاز شۇسەنلەرگە خەجلگەننىڭ ئورنىغا ئاتا ئانامغا ۋاپادارلىقمنى يەتكۈزىۋالغان بولساممۇ،بۇنداق قارغىش قېپى بولۇپ ھەممەيەردە دۈم چۈشۈپ يۈرمەستىم،خوتۇنغا خەجلىگەن بولسام گۈلدەك ئچلىپ كىتەر بولغىيدى؟ شۇ زايا بولغان ۋاقتىمنى ئۆيۈمگە بەرگەن بولسام ،خانمۇ يېنىدا بار مىنى سېغىنىپ يۈرمەس ئىدى، شۇ سەن ئىتلارغا قىلغان ياخشىلقنى ،مھىرنى باللىرىمغا بەرگەن بولسام ،بۈگۈنكىدەك شۇلارنىڭ كۆزىگىمۇ تىكلىپ قارىيالمايدىغان جىنايەتكار دادا بولماس بولغىيدىم.شۇڭىمۇئەمدى دوسىت تۇتمىدىم،بەلكىم سەنلەرمۇ مىنى پايدىلنىش قىممىتى تۈگىدى دەپ تاشلىۋتشكەنسەن،مەنمۇ سەنلەرنى تاشلىۋەتتىم.بالامدىن بالامغا دەپ ئۆتەرمىنا بالام ئەركەك بۇلۇڭلار جىق ئاغىنە تۇتماڭلار دەپ…ماڭىمىغۇ دادام دىگەن بالام تايىنى بار باللار بىلەن ئارلاشقىن،قازانغا يولۇقساڭ قارسى يۇقىدۇ،يامانغا يولۇقساڭ يالىسى ،قاغا بىلەن بىللە يۈرسەڭ يىيىىشىڭ نىجاسەت دەپ،زادى قۇلاق سالماي سىلكىۋتپتىكەنمەن،باللىرىممۇ مىنى شۇنداق سىلكەرمۇ ئەمدى، شۇلارمۇ بىزدەك بۇرنغايەپ ئاندىن ھەقىقەتنى چۈشىنەرمۇ؟ ھەي بىز قاچانغىچە مۇشۇنداق خاتالقنى قايتلاپ،نەچچە ئەۋلاد ياشىساقمۇ بىر ئەۋلادنىڭ كۈنىدە ياشاپ يۈردىغاندىمىز؟ياق ياق ،مىنىڭ بالىلىرىم ئۇنداق قىلمايدۇ، چۇقۇم گىپمنى ئاڭلايدۇ.شۇنداقمۇ تايچاقلىرىم … قەيسەر شۇلارنى ئويلاپ ئەسقەرنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى،قەمەرنىڭ قولىنى ئاكىسنىڭ بوينىدىن ئاجرىتىپ تۈزلەپ ،تۇرۇپلانەچچە ۋاقىتتىن بىرەلمىگەن مىھرىنى بەرمەكچى بولغاندەك بويۇنلىرىغا يۈزلىرىگەچاچلىرىغا سۆيۈپ كەتتى، ھەم بالىنىڭ سەل مۇزلاپ كەتكەنكىنى سىزىپ مەشكە مەدەك سالدى. ئىلان چىكەيلى بىر يولنى تاللىغان ئىكەنسەن تكەنلىك بولسىمۇ مېڭىشقا جۈرئىتىڭ بولسۇن!…ئىپاربانۇ سالام خاتىرەم، سىنى پات پات يوقلاپ تۇرىمەن دىگەن ئىدىم. ۋەدەم ئىسمدە بار. گەرچە ساڭا پىنھانلىرىمنى تۆكەلمىگەن بولساممۇ ، ئىچىم سىقىلغان ، ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتلىرىمدا قىممەتلىك ۋاراقلىرىڭغا كۆز يۈگۈرتۈپ ، تەسەللىي تېپىشنى ئۇنتۇپ قالمىدىم . شۇنداق ، قىلىپ توي قىلغىنىمىزغا 9يىل بولۇپ قالدى.بىر ئاينىڭ ئالدىدا، ئۆزىنى بالا ئۈچۈنلا ئاتىۋەتكەن، ئەمما بالىسىدىن تۈزۈك ۋاپا كۆرەلمىگەن جاپاكەش دادىمىزنى ئۇزۇتۇپ قويدۇق. رەھمەتلىك ئوغۇللىرىمغا قەۋەت ئامراق ئىدى. شۇڭىمۇ ئەسقىرىمنى يېشىغا تەگكەندىن كىينلا ئۆزى تۇتۇپ يېتىپ چوڭ قىلىپ بەرگەن ئىدى، بولمىسا شۇ كۈنلەردە قانداقمۇ قىلاتتىمكىنتاڭ!قەمەر بىرنى ئىڭەلەپ بولغۇچە ئەسقەر ئۇنىڭدىن بەكرەك جىدەل قىلىپ ئۆينى بېشغا كىيگەن.نىگارىمنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئەمدى قولىغا ئېلىپ بولغىچە يىرتىپ پۇرلاپ يىغلىتىۋاتقان.ئشقىلىپ بۇنەچچەيىلدا ساراڭغۇبوپقالمىدىم باشقىسى بولدى. كىچە كىچە كىرپىك قاقماي ئېتىپ كىتىۋاتقان تاڭلار ،بىردەم ئۇھ دەۋېلشقا پۇرسەت بەرمەيدىغان كۈندۈزلەر،ھەتتا ئاغرىپ قېلپمۇ چارەك ۋاقىت يېتىۋېلشقا پۇرسەت بەرمەس بالىلىرىم…ئازراق چارچاپ قالغاندەك، ھىسياتتا بولىۋاتىمەن.لىكىن چىدايمەنغۇ ئۈزۈمنىڭ ئۆيى، ئۆزۈمنىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ؟ئۇلارنىڭ ۋىلققىدە بىركۈلكىسى نەچچە يىل تارتقان جاپايمنى يوقىتالايدىغان سىھىرلىك دورا. ئۇلارنى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن شۇنچە تىرشىۋاتىمەن.نىگارىم بۇيىل بىرىنچى يىللققا چىقتى، نەتىجىسى سىنىپ بويىچە بىرىنجى، ئۆگىنىش باشلىقى تېخى،ئۆتكەندە يىزا بويچە ئۆتكۈزۈلگەن نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ئۈچىنچى بولدى، قانچىلك ھاياجانلانغىنمنى بىلمەيسەن، قەمەرنىڭ غىڭشىپ جىدەل قىلشلىرى، ئەسقەرنىڭ جىم تۇرماي ئۇششاق مىتلداشلىرىمۇ كەيپىمنى بۇۇزالمىدى. خۇددى ئۇ زالدا قىزىم ئىككىمىزلا باردەك ! شۇنداق مەن دۆۋە دۆۋە ئالتۇندىنمۇ بالىلىرىمنىڭ ساغلاملىقىنى ،خوشاللىقىنى ئەتىۋار بىلىمەن.ئۇلارنىڭ نەتىجىسنى كۆرۈش مىنىڭ ھاياجىنىم! قەيسەرچۇ دەمسەن؟ئەلۋەتتە ئۇمۇ خوش بولىدۇ.لىكىن مەندەك پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئەمەس.ئۇنى ئەڭ خوش قىلدىغنى ئۆزنىڭ سودىدىكى نەتىجىسى ۋە چەكلىمىسىز ئەركىنلىك.شۇنچە يالۋۇرۇپ توسقىنمغا باقماي ،تىرە تىجارىتنى تاشلاپ،پاختا ئالىدىغان خۇجايىن بولدى.شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيگە كۆڭۈل بۆلگۈدەك ۋاقتى يوق.ئۆيمىزدىكى مەن ياخشى كۆردىغان،تەلمۈرىدىغان نەرسنىڭ بىرى شىرە ئۈستىدىكى ئۆي تىلفۇنى بوپقالدى. ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ئۇنى پاكىزە سۈرتۈپ تۇرىمەن.ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوقلا كىر يۇيىدىغان، تىككۈچىلىك قىلىدىغان ئشلىرىمنى ئۇنىڭ ئەتراپىدا قىلىمەن.تېخى بالىنى بەزلىگەن بولۇپ تۇرۇپكىنى قۇلىقمغا يېقىپ تۇرۇپ كىتىمەن.بارماقلىرىم تۇنۇش نومۇرلار ئۈستىدە ئوينايدىيۇئۇلىنىش كۇنۇپكىسىغا شۇنچە يىراق. ناگان ناگاندا ئۇنىڭدىن تىلفۇن كەلگۈدەك بولسا ھەر ئېغىز گىپنى كاللامغا ئويىۋالغۇدەك قىپ كىتىمەن،گەرچە ئۇ گەپلەر يۈرەككەتەگكۈدەك شىرىن بولمىسىمۇ،ئشقىلپ ئارىمىز بىرخىل يىراقلىشىپ كىتىۋاتقاندەك، ئۇنداقمىكىن دىسەم ئۆيگە كەلگەندە بالىلىرىمىزغا ھەم ماڭا قىلغان مۇئامىلسى چۆلدە نەچچە كۈن سەرسانە يۈرگەن يولۇچىنىڭ بېغىغا قايتىپ كەلگىنگە ئوخشاش ،ھېلىقى نەزەر دىگەن ئاغىنسنى ئانچە ياقتۇرمايمەن، شۇنداق خۇشخۇي گەپدان كۆرۈنگىنى بىلەن كۆزى بىر نوقتىدا جىم تۇرالمايدىكەن،ئىككى چوقۇپ بىر قاراپ دەيدىغان بىر گىپى بولىدىغان ئانامنىڭ، دەل مۇشۇ بالىغا ئېيتىلغانمىكىن؟ ھازىر ئۇ قەيسەرنىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى، ھېچكىمدە يوق ئىمتىياز ئۇنىڭدا با، بىرلا تىلفۇن قىلىدۇ قەيسەرنىڭ ھېچكىم بۇزۇشقا پېتىنالمايدىغان ئۇيقۇسىنى بەخۈدۈك بۇزۇپ سىرتلارغا ئەپ چىقىپ كىتەلەيدۇ.ھەتتا قاپىقى يامان ئانىمىزمۇ ئۇنداق قىلالمايتتى، ئۇنىڭ غودىرشىدىن ئەنسىرەپ، ھويلىمىزنىڭ ئىچىگىچە موتسىكلىتنى مىنىپ كىرىدىغان ئادەممۇ، ياتاق ئۆيىمىزگە ئۈسسۈپلا كىرىۋىردىغان ھوقۇقدارمۇ دەل مۇشۇ نەزەر، نىمە سىر باركىن بۇنىڭدا، قەيسەرنى بۇنچە كونتىرول قىلىۋالغۇدەك، ئىشەندۈرگۈدەك، بالىلىرىمنى سۆيۈپ كىتشلىرىچۇ تېخى ئىچمنى سىقىپ…ۋاي بولدىلا ساڭا خەقنىڭ غەيۋىتنى قىلىپ نىمە قىلاي، ئۆزگىپمىزگە كىلەيلى، شۇنداق دادىمىز تۈگەپ كەتتى، مىنىڭ قەيسىرمنى چوڭ قىلىپ بەرگەن ئۇنىڭ يىگانە يۆلەنچۈكى بولغان دادىسى كەتتى. ئۇكۈنى قەيسەرنىڭ يىغىسىغا قاراپ زادى چىدىيالمىدىم.ئۇنىڭسىزمۇ ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى كۆپنچە ۋاقىتتا دادام ئىككىمىز بىللە قىلغاچقا ئۇنىڭ غەيرىتىگە،پەمىگە قول قۇياتتىم. قەيسەرنىڭ ھەرقېتىم ۋاي دادام دەپ بوزلىغننى ئاڭلىسام ،يۈرىكۈم ئېچشىپ ئۇنىڭدىنمۇ ئاشۇرۇپراق يىغلاپ قىزىنىڭ يوقلىقىنى چاندۇرمىدىم.ئۆيىمىزدىكى بۇ تۇنجى داستىخاننى يۇرتداشلار ئالدىدا كىچىكلىكمىزنى تاشلاپ،پىشقان ئادەملەردەك چىرايلىق ئۇزىتىۋالدۇق. قەيسەرغۇ ياخشى لىكىنزە ئاتا ئانىسىغا بىرخىل مىھىرسىزدەك قۇپال پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلاتتى.نەچچە قېتىم مەن چىدىماي نەسىھەت قىلغان ھەم بۇرنۇمغا يىگەنمۇ بولدۇم،لىكىن ئۇ تۈزەلمىدى، قانداق قىلاي ؟ئۆيدىكلەر ئۈزى ئېغىر ئالمىسا…بىر كۈنلەردە بالىلىرىمىزمۇ بىزگە ئەشۇنداق مۇئامىلە قىلىپ قالسا (ئەلۋەتتە مەن ئۇنداق بولۇشنى كۈتمەيمەن ھەم يول قويمايمەن)ئۇ چىدىيالارمۇ؟ئويلايمەن ئاتا ئانىسىنڭمۇ ھۆرمىتىنى قىلمىغان ئادەمدىن باشقا كىشلەرگە ھۆرمەت ۋاپا كۈتۈش مومكىنمۇ؟ بەلكىم بۇ گىپىم چىكىدىن ئېشىپ كەتكەندۇ، شۇنداقمۇ سىردىشىم؟ ھوي ئەستا !بالام ئۆينى نىمە قىلىۋەتكەن ھە، كەچۈرگىن، مەن ئىشمغا ماڭاي،

2009..11..14

،مەن ئۈچۈنكەن زارلىنىپ ياش تۆككەنلەرىڭ

، مەن ئۈچۈنكەن دۈشمىنىمنى سۆككەنلەرىڭ

،مەن بىۋاپا قەدىرىڭنى بىلمەپتىمەن

.نالەلەرىڭ ئۇرسۇن مىنى كەچۈر گۈلۈم

...كەچۈر گۈلۈم …كەچۈر گۈلۈم

راس دەپتىكەنسەن خان، نەزەر ئۇ مىنىڭ يولۇمدىكى خەندەكچى ،تۇمۇرۇمدىكى خەتەرلىك ئۆسمە ئىكەن، شۇنداق چىرايلىق باپلىدىكى دېھقاننى چېقىۋالغان يىلاندەك، شۇ كۈنلەردە بىخۇدلۇق قىلىپ ئۇنىڭ دامىغا چۈشۈپتىمەن، باشتا تىجارىتمگە ئوبدانلا ئەسقاتقان بولدى، يۇرىت يۇرىتلاردىن پاختا ساتىدىغانلار ھەم پاختا ئالدىغان زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلشىپ، كىيىن پۇل تاپتىم، خۇجايىن بولدۇم، ماشىنسىغا ئولتۇرغۇزۇپ چوڭ چوڭ خۇجايىنلار بىلەن تونۇشتۇردى، يىدۇق، ئىچتۇق،، ئوينىدۇق…ھەتتا قىمارغا ئۈگەندىم.

4-قىسىم

باشتا تىجارىتمگە ئوبدانلا ئەسقاتقان بولدى، يۇرىت يۇرىتلاردىن پاختا ساتىدىغانلار ھەم پاختا ئالدىغان زاۋۇتلار بىلەن ئالاقىلشىپ، كىيىن پۇل تاپتىم، خۇجايىن بولدۇم، ماشىنسىغا ئولتۇرغۇزۇپ چوڭ چوڭ خۇجايىنلار بىلەن تونۇشتۇردى، يىدۇق ، ئىچتۇق،، ئوينىدۇق…ھەتتا قىمارغا ئۈگەندىم. دەل شۇ كۈنى ،قىمار ئوينىغان كۈندىن باشلاپ خىش قېلىپدىن چىقتى، خىش بولسا مەيلىتتىغۇ،ئورنىغاكەلتۈرگىلى بۇلار ئىدى، ئەمما ئازغان بىر كۆڭۈلنى، خاتالاشقان بىر قەدەمنى كىممۇ بەدەلسزئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟ ئەزەلدىن بەدەل تۆلىمەيلا دىگىنمگە ئىرشىپ كۆنگەن ماڭا راسلا ئېغىر كەلدى.ئاتا ئانامنىڭ نەسىھىتگە كۆنمىگەن ئىدىم ،تۇرمۇش ھەر قىسمەتلەر بىلەن ئىسپاتلىدى.مىنى سۆيگەن پەقەت مىنىلا سۈيەلەيدىغان ئىپارىمنى نەزەرگەئىلمىغان ئىدىم، ئىشەنمىگەنتىم، ئاچچىق ھەقىقەتلەر باغرىمنى تىلدى، ئائىلىنىڭ ئىلىقلىقنى ھىس قىلمىغان يۈرىكۈم نۆۋىتىدە دۇنيانىڭ نەقەدەر سوغۇقلىقىنى سەزدى. كىچىلەپ مىھمانخانا ياتىقىدا چوڭ تىكىپ ئوينىشاتتۇق.چىكىلگەن تاماكا،ئىچىلگەن ھاراقلار ئىسىل ئىدى، بۇيەردە پۇل بۇزۇش ،ئەقىل بۇلغاش،نامەرتلىكلەر مەۋجۇت ئىدى .پەقەت شۇلا… -ۋەي قەيسەر كەچتە تاماققا كىلەلەمسىز؟ئوخشتىپ لەڭمەن قىلغان، -دادىسى بىر تال تورىت ئالغاچ كىلەلەمسىلە،قىزىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈننى قىپ بىرەيلى دىگەن، -قەيسەر ،نەدە سىز،دادامنى دوختۇرغا ئاپىرىپ باقساق بولامدىكىن؟ قاتارلىق سۇئاللار، مەن يول ئۈستىدە، نىمانچە تۇلا گەپ بۇ، ئۈزىڭىز بىر ئىش قىلىڭ دىگەندەك جاۋابلار بىلەن تاماملىناتتى. بىرە كۈن تۇلۇق ئۆيدە تۇرىدىغان پۇرسەتلەر يوق دىيەرلىك.ھىلى ئۇ خۇجايىن تىلفۇن قىلىۋاتقان ،ھىلى بۇ ئاغىنسى ئولتۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان.ھەتتا بەزىدە قىز-چوكانلارمۇ ئۇنى تاماققا تەكلىپ قىپ قۇياتتى، ئۇ نايناقلارنىڭ مەقسىدىنى كىم بىلمەيدۇ، پۇلغۇ ئېنىقلا…ئۇنداقلارنىڭ ئىچىدە نازىنىن كۇچا ئاياللىرى، ئەركەك چېلىش سودىگەر خۇتۇنلار،ھەتتا ھۆكۈمەت كادىرى،سالاپەتلىك قىياپەتكە كىرىۋالغان چىرايلىق مۇئەللىمەلەرمۇ بار ئىدى. ھەئە قەيسەر جىق ئىشلاردا ئىپارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولسىمۇ مۇشۇ بىر ئىشتا يەنى ساداقەتمەنلىكتە مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ سەندىن باشقىغا كۆيمىگەنمەن دىيەلەيدۇ.قەيسەرنىڭ ئاياللار بىلەن خوشى يوق ئەمەس،ياكى ئۇ بەك مۇتىئەسسىپ پىرىنسىپچىلاردىنمۇ ئەمەس،ئۇنىڭ بۇنداق قىلماسلىقىنى ،ئازماسلىقنى قەدەمدە بىر جىكىلەپ تۇرىدىغان ئۆتمۈشى بار.ئۇ ئون ياشلاردىن ئاشقاندا دادىسى قوشنىسى بىلەن تۇتۇلۇپ قالغاچقا ،تەڭتۈشلىرىنىڭ مەسخىرسىگە ئۇچىرىغان، ھەم دادىسى شۇنىڭدىن باشلاپ، يۇرىت ئالدىدا ھەم ئۆيدە باش كۈتىرەلمىگۈدەك بوپقالغان.قەيسەرنىڭ بىر ئايالنى دەپلا باللىرىنمۇ ھەم ئۆزىنمۇ ئۇنداق ئاھانەتكە قويغۇسى يوق. پەقەت ئۇنىڭ باشقا ئاياللارغا كۆڭۈل بەرگۈسى كەلمەيدۇ. نىمە قىلىمەن ئۆيدە ئۈزۈمنىڭ غۇنچىسى تۇرۇپ سىرتتا خەقتىن ئاشقىنىنى پۇراپ دەپ ئويلايدۇ. ھازىرقى پۈتۈن ئېچىۋىتلگەن زاماندا قەيسەرچىلىك ئويلىيالايدىغان ئەركەكتىن قانچىسى بار دەيسىز؟ يەنە تېخى ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە توغرا باھانىلىرى با، بىر ئايالنىڭ قانداقلىقى تويدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئىشى ،تويدىن كىيىن قانداق بولۇشى ئەركىشىنىڭ قانداقلىقىغا باغىلق دەيدۇ ئۇقۇمۇشلۇقلار… بەلكىم ئىپارمۇ قەيسەرنىڭ مۇشۇ تەرىپىگە ئەڭ چىدىمىسا كىرەك. قەيسەر يۇقارقىلارنى ئويلاۋېتىپ دادىسنى ئەسلەپ قالدى، بىچارە دادام ،بىر ئۆمۈر نەزىرىمگە ئىلمىساممۇ، كەچۈرمىسەممۇ ،يەنىلا مىنى بارى بىلەن قوغدايدىغان پالۋان دادام،چىداملىق دادام…يۈزۈمنى تۆكتى دەپ ئويلاپتىكەنمەن.دادامغا باشقا تاللاش يوللىرىمۇ باتتىغۇ،ئۇنچە ئەلەم يۈتىمىسىمۇ… ئانامنىڭ ،مىنىڭ يەنە خەقنىڭ شۇنچە بېسىمىغا چىداپ نىمىنى ئويلىدى؟ نىمىشقا ئەركىشى دىگەن ئېزىپ قالىدۇ قانداق قىلاتتىڭ،چىدىمىساڭ ئال خېتڭنى دەپ ئانامنى قوغلىمىدى؟ ئەمدى بىلدىمكى دادامنىڭ كۆڭلىدە مەن باكەنمەن، مىنى يىتىم قىلماسلىق ئۈچۈن،مىنى سارغايتماسلىق ئۈچۈن بىر ئۈمۈر بېشىنى ئىگىپ ياشاپتۇ، لىكىن مەن نىمە قىلدىم؟ نىمىلەرنى قىپ قويدۇم دادا، ئارلاپ ئىككى ئېغىز گەپ قىپ قويساڭ پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلدىم،ھەتتا دىتىمغا ياقماي سىلكىۋەتكەن چاغلىرىممۇ بولدى، گۈس گۈس كەتمەن چېپىشلىرىڭغا قاراپ سىنى ئۇنداقلا كىتىپ قالار دىمەپتىمەن،ئاشۇ كۈنى مەن يەنە مىھمانخانىدا قىمار سورۇنىدا ئىدىم، ئىپارنىڭ نەچچە قېتىم ئۇرغان تىلفۇنىنىمۇ ئالماپتىكەنمەن، كۆڭلى تۇيغانمىكىن بىچارىنىڭ، بىر ئوغلۇڭ تۇرۇپ دادا ،يول تۈپسىدىكى قۇم دۆۋىسى ئۈستىدە جان بىرىپسەن.كۆكۈرۈپ كەتكەن يۈزۈڭ ،سول تەرەپ بىلەكلىرىڭ، كۆكسۈڭ،… قۇمغا تولۇپ كەتكەن بۇرۇن تۆشۈكۈڭ، قان سىرغىپ قالغان لەۋلىرىڭ ،قىيا ئۇچۇق قالغان قۇم باسقان قارچۇقلىرىڭ،مۇزلاپ قېتىپ كەتكەن گەۋدەڭ… قانچىلك قىينالغانسەن جېنىم دادا، يېقىنلىرىم يېنىمدا بولسا بىر قۇشۇق سۇ بەرگەن بولسا دەپ قانچە تەلمۈرگەنسەن، رەھىمسىز يۈرەكنىڭ قادىلىپ،سانچىلىپ ئاغرىشلىرىغا چىدىيالماي يۇمىلاپ كەتكەن چېغىڭدا، بىر كۈچلۈك مىھىرلىك قولنىڭ سىنى يۆلەپ قويۇشىنى ھېچ بولمىسا دادا دەپ سىلكىپ تۇرۇپ جاراڭلىق چاقىرشىنى قانچىلىك سېغىنغانسەن، ۋاي ھۆرمەت قىلىپ، ھۆرمەتلىنشنى بىلمىگەن دادام،ۋاي بىچارە دادام… قەيسەرنىڭ ئۆكسۈشلىرى قىشنىڭ سوغۇق كىچە قوينىغا جىمجىتلا سىڭىپ كىتىۋاتاتتى،ئۇ بىردەم تامغا بېشنى تىرەپ يىغلىۋالغاندىن كىيىن ،بىر تال تاماكا يۆگەش ئۈچۈن،ئورنىدىن تۇرۇپ مەشكە مەدەك سالدى، گېزىت قەغىزىگە ئورالغان كۆك رەڭلىك تالقان قەيسەرنىڭ تالقانلىنۋاتقان يۈرىكنى ئېچشتۇرۇپ،ئىچىدىكى ئاچچىققا قوشۇلۇپ بىر خىل راھەت تۇيغۇ ئاتا قىلدى، ئاقۇش تۈتۈن ئۆينى بىر ئالدى، يۆتىلىپ كەتكەن قەيسەر دېرىزىنى ئېچىپ قۇيۇپ، بىر پىيالە چاي قۇيۇپ ئوتلىغاچ خاتىرنىڭ كىيىنكى بىتىگە كۆز يۈگۈرتتى. بۈگۈن 2011.يىلى 6.ئاۋغۇسىت ھاۋامۇ مىنىڭ كۆڭلۈممۇ ئوخشاشلا ۋەيرانە، يوللاردا شامالدىن غازاڭ تۆكۈلگەن، كۆزلىرىمدىن ئازابلىق ياشلار تۆكۈلگەن، يۈرەك مۇجۇلۇپ ، مېھر سۆكۈلگەن، پېقىر ھەسرەت پىغاندا ئۆكۈنگەن. ئېھتىمال گۇناھ مەندىن ئۆتۈلگەن ! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ مەن بۇ يىل 31ياش، تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئوتتۇز بىر باھار ، ئوتتۇز بىر ياز، ئوتتۇز بىر كۈز ، ئوتتۇز بىر قىشنى ئاساسەن بىر خىل رىتىمدا ئۆتكۈزۈپتىمەن .ئەمما بۇيىل ئۇنداق ئەمەس، مەن بەخىت گۈلۈمنىڭ ئۈششۈك پەسلىگە دۇچار بولماقچى ئىكەنلىكىنى سەزگەندەك بولدۇم.قەيسەر ساڭا ئېيتماقچى بولغان ھەم ئېيتالمايدىغان سۆزلىرىمنى مۇشۇ خاتىرىگە تۆكۈپ قۇيىۋاتىمەن.گەرچە بۇنى ئەسلا كۆرمەيدىغانلىقڭنى بىلسەممۇ ھەم ساڭا زادى كۆرسەتمەيدىغانلىقىم ئېنىق بولسىمۇ، مىنى خاتا چۈشەندىڭ. خاتا چۈشەندىڭىلا ئەمەس ئادىملىكمنى، ئەخلاقىمنى كۆزگە ئىلمىدىڭ.سىنىڭچە مەن ئاشۇنداق ئايالمۇ؟ كىمگە ئوخشىتۋاتىسەن مىنى ۋاپادارىم؟ ھەر ئېغىز ئىنساندىن ئاڭلاپ باقمىغان ھاقارەتلىك سۆزلەر مىنىڭ ئەمەس ، ئۈزۈڭنىڭ غورۇرىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋاتىدۇ. ئىچىۋالىسەن خۇددى ئاخشامقىدەك غىققىدە مەست بولۇپ، ئاندىن جاھان سىنىڭ، ماۋۇ نىمە بولىۋاتىدۇ ، بالىلىرىم قانداق ئويلاپ قالار دىمەيسەن. ئىسڭدە بامۇ جېنىم قىزىمىز نىگار ئون ياشقا كىردى. خېلى ئشلارنى پەرىق قىلغۇدەك بولدى، ئارقا- ئارقىدىن تۇغۇلغان قوشماقتەك تەڭلا چوڭ بولىۋاتقان ئوغۇللىرىمىزمۇ يەسلىدە ئوقۇۋاتىدۇ، قورسىقمدىكى كۈتۈلمىگەن مىھماندەك پەيدا بولغان بالىمىز بىلەن مىنىڭ سىزىك دەستىدىن تۈگىشىپ كىتۋاتقان تۇرقۇمغۇ كۆزۈڭگە كۆرۈنمىسۇن، چوپچوڭ بوپقالغان تەربىيەگە ناندەك ئىھتىياجلىق باللىرىمىزنى ئويلىشىڭ، ھەق- ناھەقنى ئايرىپ ئاندىن گەپ قىلشىڭ، ئۆزەڭنى تۇتىۋېلىشىڭ مۇھىمى چوڭ بولۇشۇڭ كىرەك ئىدى. يۈزۈمگە زەرىب بىلەن قويغان ئىككى تەستىكڭمىغۇ ئۇنچە كۆڭلۈمنى ئاغرىتمىغان، ئەمما ئاشۇ بىر ئېغىز سۈزۈڭ ، ئانىلقىمغا قاتتىق ھاقارەت قىلغان ئاشۇ سۈزۈڭ يۈرۈكۈمنى پارە -پارە قىلىپ، تاس قالدى مەھكەم ئورناپ كەتكەن سىنمۇ سىقىپ چىقىرۋەتكىلى. نىمشقا بىلمەيدىغانسەن نەزەرنىڭ بىزنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقىنى، شۇڭا قەستەن قېرشىقانلىقىنى، ئەسلىدىنلا سىنى ئەسكەرتىپ كەلگەن ئىدىم، لىكىن نىمە دىدىڭ؟ ھەتتا داداممۇ ماڭا ئۇنىڭچىلك ئەسقاتمىغان، مىنى قايسىڭىلار نەزەرچىلك چۈشىنسىلەر، ئۇ مىنىڭ قېرىندىشىم دەۋاتمامتىڭ؟ ئۇنىڭ ئىسمنى پەقەتلا تىلغا ئالغۇم يوق، ئىپلاس دىگەن ئاتالغۇنى ئشلىتىپ تۇراي گەرچە ئارتۇق كەتسىمۇ، ساڭا يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرەي. ئۇ كۈنى مەن ھويلىدا خېمىر يۇغۇرۋاتاتتىم. ئۇكىردى ھەم سىنىڭ قوغۇنغا بۇيرىغانلىقڭنى ئېيتتى. مەن قوغۇننىڭ ئۆگىزىدە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئېلىپ چۈشۈشىنى ئېيتىپ ، خېمىرنى يۇغىرىۋەردىم، ئاندىن توڭلاتقۇدىن كۆكتات، گۆش ئەپ چىقىش ئۈچۈن مىھمانخانىغا كىردىم، مەن توڭلاتقۇدىن ئۇنى بۇنى ئالىمەن دەپ ئۇ مەرەز ئىپلاسنىڭ كىرگەنلكىنى تۇيماپتىمەن، ئاندىن ئۇ ماڭا ئېسىلدى ، مەن قارشىلاشتىم، ئېغىزمنى بۇزۇپ تىللىدىم، شۇنداق قىلىپ كەينىمدىكى كىچىك ئورۇندۇققا پۇتلىشىپ كىرسلو ئۈستىگە يىقلىپ كەتتىم. ئاندىن كىيىنكى ئەھۋال شۇ سەن كۆرگەندەك، تېخى كىلىپ ئۇنى دەسسەپ ئۇرۇپ ئۆچۈمنى ئەپ بىرىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئۇنداق قىلمىدىڭ، ئۇنى بىر مۇشىت سېلىپلا سەن بىلەنكى ھىسابنى كىيىن قىلىشمەن دەپ مىنى خالىغانچە تىللاشقا ، خالىغان يېرىمگە ئۇرۇشقا باشلىدىڭ. بىر ئېغىز نىمشقا مۇشۇنداق بولدى؟ دەپ سوراپمۇ قويمىدىڭ. بوكسىيۇر خالتىسى بولۇشقا لايىقمىكەنمەن؟ چاچلىرىم خېلى چىداملىقمىكەن؟ پۇخادىن چىقتڭمۇ جېنىم؟ ئۇنىڭغىغۇ بوپتۇ دىدىم، چۈنكى ھەرقانداق بىر ئەركىشى ئۇنداق ب مەنزىرىنى كۆرسە توغرا چۈشەنمەيدۇ، غورۇرى كۆتۈرمەيدۇ. كەچتە كىرىپ بولسىمۇ نىمشقا شۇنداق قىلدىڭ دەمدىكىن توغرا چۈشەندۈرسەم كەچۈرۈم سورامدىكىن دەپتىكەنمەن، نەدىكىنى، ئۈزۈمنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولمىغانلقىمنى شۇ چاغدا ھىس قىلدىم. كىردىڭ ھېلىقدەك مەس، تەستىكىمگە ئىككىنى سالدىڭ، پاسكىنا دىگەن گەپ قانداق پاتقان ئېغىزىڭغا ، يۈرىكۈم پارە-پارە بولدى. ساڭا بىرخىل ئۆچ بولغاندەك بوپقالدىميۇ كەينىمگە ياندىم. چاپىنڭنى چۆرۈپلا سىرتقا چىقىپ كەتتىڭ، ئارقاڭدىن قاراپ قالغان مەن نە سەندىن ئەنسىرەشنى، ياكى قۇتۇلغىنمغا خۇش بولۇشنى بىلەلمەي ھاڭۋاققىنىمچە ئىشككە يۆلىنىپ زوڭزىيىپ قالدىم. مانا كىچە سائەت بىر بولدى.ئۇماق بالىلىرىم ھېچنىمىدىن بىخەۋەر پۇشۇلدىغنىچە ئۇيقۇغا غەرىق بولدى. مەڭگۈ مۇشۇنداق خاتىرجەم ئۇخلاڭلار بالىلىرىم،ھېچنىمنى تۇيماي قېلىڭلار، بولۇپمۇ ئاناڭلار بىلەن داداڭلارنىڭ ئارسىدىكى بىمەنە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ بىلىپ يۈرمەڭلار، سىلەرنىڭ بەختىڭلار مىنىڭ بەختىم ئۇماقلىرىم. بولدى مەنمۇ يېتىپ قالاي، ئەتە تشلىق تاڭ ئاتسىلا ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ...

5-قىسىم

مەڭگۈ مۇشۇنداق خاتىرجەم ئۇخلاڭلار بالىلىرىم،ھېچنىمنى تۇيماي قېلىڭلار، بولۇپمۇ ئاناڭلار بىلەن داداڭلارنىڭ ئارسىدىكى بىمەنە زىددىيەتلەرنى تېخىمۇ بىلىپ يۈرمەڭلار، سىلەرنىڭ بەختىڭلار مىنىڭ بەختىم ئۇماقلىرىم. بولدى مەنمۇ يېتىپ قالاي، ئەتە تشلىق تاڭ ئاتسىلا ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ. قەيسەر كۆزلىرىنى چىڭڭىدە يۇمىۋالدى. سول تەرەپ كۆكسى ئىپارنىڭ تازا كۈنىدىكگە ئوخشاش ئېچشىپ كىتىۋاتاتتى. ئۇ كۆكسىنى ئوڭ قولى بىلەن قاماللاپ، چۇڭقۇر -چۇڭقۇر نەپەس ئېلشقا باشلىدى. تا ھازىرغىچە ئۆزىمۇ يا ئىشنىشنى يا ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەيۋاتقان ھەرقېتىم يادىغا يەتسە يۈرىكنى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئاغىرتدىغان ئۇ ئىىش يەنە تىلغا ئېلنغان ئىدى. قەيسەر ئىپارغا ئىشەنمەيدۇ ئەمەس ئىشنىدۇ، لىكىن نىمە ئۈچۈن ئۇ ئىپلاسنىڭ شۇنداق قىلشىغا پۇرسەت يارتىپ بىردىغانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەم ئەرلىك غورۇرى مۇشۇنداق بىر ئشنى كۆرۈپ تۇرۇپ ، بوپتىلا دەپ كۆرمەسكە سېلىشىغا، تۆت ئېغىز چۈشەندۈرۈش بىلەنلا ھە شۇنداقمىدى دەپ توغرا چۈشىنشىگە يول قويمايدۇ. ئەركەلىرىمىزدە شۇنداق ئاتالمىش بىر غۇرۇر باكى مىھىر-شەپقەتنى بىلمەيدىغان، ھەق-ناھەقنى ئايرىمايدىغان.نۆۋىتىدە مۇشۇ غورۇرلار تالاي ناتىۋان دىللارنىڭ ئازارىغا، سەبى كۆزلەرنىڭ ئاھ- زارىغا سەۋەبچى بولۇپ،ئەركەكلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئاتىلق مەجبۇرىيەتنى كۆمۈپ تاشلاۋاتىدۇ. قەيسەرمۇ شۇنداق قىلغان ئىدى. پاختا سودىسى تازا يۈرۈشمەي، قىماردىن بىرمۇنچە ئۇتتۇرىۋەتكەننى ئاز دەپ ،مۇنۇ ئەڭ يېقىنىم دەپ قارايدىغان ئىككى نائەھلىنىڭ قىلغان پەسكەشلىكىگە ئۇ قانداقمۇ چىدىيالىسۇن! ئىپارنى ھارغىچە ئۇرۇپ ،چاچلىرىدىن سۆرەپ، ھېچ نىمىنى ئېنىقلىيالمىغان قەيسەر نەزەرنى ئىزدەپ تاپتى.نەزەر بىر مەيخانىدا ئىچىۋاتقان بولۇپ،قەيسەر ئۇنى كۆرۈپلا توختىماي قالايمىقان مۇشىت ئېتشقا باشلىدى، -قۇپە تاياق قېپى خۇمسا گۇي، ئادەم ئەمەس نامەرت ھايۋان، ئىت جېنىدا قىلغاننى بىلىدۇ، ئىگىسىگە خىيانەت قىلمايدۇ، ئۆلتۈرۋىتىمەن سەن ئىتنىڭ بالىسنى بۈگۈن، -نىمە دەيسەن، پۇلى با ئادەم شۇنچە نوچىمىكەن، نىمەڭگە يۇغانچىلق قىلىسەن؟ سەن كىچىلەپ قىمارخانىدىن كەلمىگەندىكىن خۇتۇنۇڭ زىرىكىپ كىتىپ چاقىرپتىكەن كىردىم، يامان بولساڭ خۇتۇنۇڭغا ھېزى بول ،بۇيەردە ماڭا ھۆركىرىمەي… -خەپ ئاناڭنى …چانىۋىتمەن سىنى…قەيسەرنىڭ كۆزلىرى ئەتراپتىن قولغا ئۇرۇنغۇدەك بىر نەرسە ئىزدەپ ئالاق ،جالاق بوپكەتتى، ئاخىر ئۇنىڭ كۆزى نەزەرنىڭ تېخى ئىچىپ بولالمىغان پىۋىنىڭ پوتۇلكىسغا چۈشتى دە چاقماق تىزلىكىدە بوتۇلكا بوينىدىن تۇتۇپ ،بېشىغا كىلشتۈرۈپ بىرنى سالدى .قاۋاق خوجايىنى ۋە تونۇش بىلىش ھاراقكەشلەر تۇتىۋالمىغاندا ئىدى، ئۇكۈنى ئۇ ناكەسنىڭ راستنلا ئەجىلى توشقان بولاتتى. ئادەملەر ئارسىدىنمۇ مۇشۇنداق ئادەم سۈرەتلىك لەنىتى ئالۋاستىلار چىقىپ قالىدىكەن.تېرىلغان زىرە مايسىسىغا يۆگىشۋېلىپ زىرىنىڭ جېنىنى ئالىدىغان بىر خىل ئۈسۈملۈك بار سېرىق ئوت دەپ، بەئەينى شۇنىڭ ئۆزى بۇلار، يا ئاجرىتىپ ئالغىلى بولمايدۇ،يا دورا بىلەن يوقاتقىلى چارە يوق.ئاقىۋەت زىرە ئىگىسى سەۋرچان بولسا تىرناقلىرى بىلەن تاتلاپ يۈرۈپ، ئالىدىراقسانراق بولسا شۇ زىرىنمۇ بىراقلا يۇلۇپ تاشلاپ قۇتۇلىدۇ. بىر مەھەللىدە كىچىكىدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بۇ دوسلارنىڭ يېشى تەڭتۇش ئىدى. شۇغىنسى ئىشەككە مۈڭگۈز بىرلىمىگنىدەك نەزەرگە قەيسەردەك ئىللىق ئائىلە مۇھىتى، خىراجىتگە يەتكۈدەك پۇل، قورسىقى تويغۇدەك تاماق، ئۇچىسى ئىللىغۇدەك كىيىم نىسىپ بولمىغان. ئىككلىمىز بىر مەھەللىدە تۇغۇلغان، يېشىمىزمۇ تەڭ،نىمىشقا ئىرشكەنلىرىمىز تەڭ بولمايدىغاندۇ؟ئۇنىڭ ئانىسىمۇ دادىسىمۇ شۇنداق كۈيۈمچان، مىنىڭ ئانامنىڭ تاشلىۋەتكىنىگە قارىماي دادامنىڭمۇ ئۆلۈپ تىرلىشىم بىلەن چاتىقى يوق.ئۆگەي ئانامنىڭ چىڭقىلىپ گەپ قىلشلىرىچۇ تېخى، نىمشقا ھەممە پىشكەللىك مىنىلا باسىدۇ. ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ ئالدىدا مەيدىسگە ئۇرۇپ چوڭ-چوڭ گەپ قىلالايدۇ.قىلىمەن دىگنىنى قىلالايدۇ، ئىرشىمەن دىگىنىگە ئىرشەلەيدۇ.مەنچۇ ؟ھەتتا ئۇستامدىن دۇكان ئايرىغاندىن كىيىن كىچىك بىر رىمۇنىتخانا ئېچىپ باقاي دىگەن تەلىپممۇ دادامنىڭ بىر ئېغىز گىپى بىلەن رەت قىلندى.قاچانمۇ قەيسەردەك تۇرمۇشقا ئىرشەرمەن؟ ئاتا ئانام بولمىسمىغۇ مەيلىتتى ،ھېچ بولمسا تەلىيىم كىلىپ ئىشچان،چىرايلىق بىر خۇتۇنغا ئىرشكەن بولساممۇ قانائەت قىلاتتىم، ئۇنىڭدىن ئاشقانلىرىنى كىيىپ چوڭ بولدۇم، يەيدىغانلىرىغا تەلمۈرۈپ ئۆتتۈم، بۇيرۇقىغا قول باغلاپ ئىتائەت قىلدىم،قاچانغۇچە مۇشۇنداق ئۈتەرمەن، خەپ قەيسەر ،ئامەتلىرىڭدىن بۇنچە كۆرەڭلەپ چوڭ سۆزلەپ كەتمە، سەندە ئامەت بولسا مەندە سىنڭدەك ئالدىراڭغۇ پوركاللا بايۋەتچىنى باپلىغۇدەك ئەقىل با.ھامان بىركۈنى سەن بىلەن تەڭ بولىمەن.دەپ ئويلايتتى كۈلۈپ تۇرۇپ چىشلىرى غۇچۇرلاۋاتقان نەزەر قەيسەرنىڭ مەردانە تۇرقىغا قاراپ. پىۋا پوتۇلكىسى بىلەن نەزەرنى ئۇرغان كۈنى ھەر ئىككلىسنى يىزىلق ساقچىخانىنىڭ ساقچىلىرى ئەكىرىپ سۇلاپ قويدى، بىرە گەپ سورىلىپ بولغاندىن كىيىن نەزەر يارسىنى تاڭدۇرغىلى قۇيۇپ بىرىلىپ،قەيسەر بىركىچە كۈندۈز تۇتۇپ تۇرۇلدى.ئەتىسى قايتىپ چىققان قەيسەرنىڭ قۇلاق تۈۋىدە نەزەرنىڭ سۆزلىرى ئەكىس سادادەك ياڭراپ، بىركىچە تىنماي پىۋا ئىچىپ چىققان ئىدى. ئەجەپ بىلمەپتىكەنمەن سەن ئىپلاس تۈلكىنى، دەپ يەنە خىيالغا پاتتى ئۇ،قولىدىكى زىخ بىلەن يەرنى توكىلدىتىپ ئۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ۋاي دەپ ئارقامدا يۈرسەڭ، ھۆرمىتمنى قىلىدۇ،دەپ ئىشنىپتىكەنمەنمەن ساڭا، ئىسىت ساڭا قىلغانلىرىم، نە پۇل بولسۇن،نە مىھىر بولسۇن ئاياپ باققانمىدىم سەن رەزىل ئىپلاستىن، بىر ئۆمۈر ئىت كەبى يۇندا يالاپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك نىمىكەنسەن ئەسلى مەن بىلمەي شورپا بىرىپ قۇيۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟ئاخىرىغۇ بارار جايىڭنى تېپىپ جاجاڭنىمۇ يىدىڭ. لىكىن ماڭا قىلغان شۇ خىيانىتىڭ ئۈچۈن، خۇتۇنۇمغا قىلغان نۇمۇسسىزلىقىڭ ئۈچۈن… قەيسەر قولىدىكى زىخنى يەرگە كۈچەپ ئۇردى. -دادا، ھاجەتكە چىقاتتىم، - سەلىمەنىڭ ئۇيقۇچان گۇڭرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ سىنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن دىيلمەكچى بولغان گەپ ئىچىگە مەجبۇرى يۇتۇلۇپ كەتتى. قەيسەر بىر ئاز مەڭدەپ تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن قىزىنى چاپىنغا يۆگەپ سىرتقا ئېلىپ ماڭدى.سىرتتا ئۇششاق قار چۈشىۋاتقان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا ئۇيقۇغا كەتكەندەك، توڭلاپ قالغاندەك ياكى قار ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغاندەك جىمجىت ئىدى.سوغوق بولسىمۇ سىرتنىڭ ھاۋاسى-دە، شۇنچىلىك ساپ ھەم يېقىشلىق. -ئەمدى ئۇخلامسىز سىيگەك، -ھىكايە ئۇقۇپ بىرەمسەن ئەمىسە؟ -مەن ھىكايە بىلمەيمەن ئەمەسمۇ كىرپەم، -ھىم بوپتۇ، ئانام كەلسە دەپ بەرسۇن، قەيسەر يوتقاننى تۈزەپ قويغاچ ،ئاسمانغا قاراپ بىردەم تۇرىۋالدى،ۋە قىزىنى شاپىلاقلاپ ئۇخلىتىپ قويۇپ، مەشكە مەدەك سېلىۋىتىپ يەنە خاتىردىن تەسەللى ئىزدىمەكچى بولدى. 2011يىلى 14.دىكابىر يۈرىكىڭنىڭ خىلى بۇرۇنلا ئۆزىگە مەڭگۈلىك ئامانەت قويۇلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ساداقىتىڭگە ۋاپاسىزلىق؛ ئىشەنچىڭگە ئاسىيلىك؛ چۈشەندۈرىشىڭگە پەرۋاسىزلىق؛ ئۈمۈدلىرىڭگە خىيانەت؛ كۈتۈشلىرىڭگە ئىرەنسىزلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ سېنى تەنھالىققا مەجبۇرلىغىنىدا يۈرىكىڭ يىغلايدۇ. مانا شۇندىلا دۇنيادىكى ئەڭ ئاچچىق ئەلەمنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ يېتىسەن. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ دۇرۇس…كۈتكىنڭنى بىرەلمىگەن بولۇشۇم مومكىن. چۈنكى مەندە بارى مۇشۇنچىلكلا ئىكەن.ۋاپا…سادىقلىق…رايشلىق…ئەخلاق…سۈكۈت پەقەت مەندە مۇشۇلارلا باكەن.ئالدىمدا خۇدۇڭنى يوقۇتۇپ دەلدەڭشىپ پەيدا بولغىنڭدا، شالۋاقلىرىڭنى چاچرىتىپ تىلغا ئېلىش ئىمكانىيتى بولمايدىغان گەپلەر بىلەن خەستە دىلمغا ئازار پىچىقىڭنى سانچىغنىڭدا ، سوغوق كۆزلىرىڭ كۆزۈمگە قادالغىنىدا ئۆزۈمدىن سورايدىغىنم شۇ سۇئال. ئۇنىڭغا لازىمى زادى قانداق تۇرمۇشتۇ؟مەن قانداق بولسام ئۇنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىمەن؟ ئەمما جاۋاپ يوق. چۈنكى بىز بىر- بىرىمىزنىڭكىگە كۆنمىدۇق. مەن دەيمەن ئاددا- ساددا بولسىمۇ،خوشال- خۇرام خاتىرجەم ياشىغانغا يەتمەيدۇ. گۈزەل تۇرمۇش تىرشچانلىقتىن كىلىدۇ. سەن ئويلايسەن ھېچكىمگە ئىگلمەي ۋىجدان بىلەن ياشاش لازىم. ئادەم ئاتلىق ھايۋانلارغا ياخشىلق قىلمەن ، مىھىر بىرىمەن دىيشنىڭ قىلچىمۇ زۆرۆرىيتى يوق. چۈنكى ھەممىسى ئوخشاش، ئاڭلا سۈيۈملۈك ئىرىم، ۋىجدان بىلەن ياشىساڭ بولىدۇ. ئەمما ۋىجدان دىگەن سۆزنىڭ مەنىسنى بىلىپ ئاندىن قايتىدىن كەل. ۋىجدان دىگنىمىز مەنچە ئۆز مەسئۇلىيتنى بەجاندىل ئورۇنلاش، شۇتاپتا سىنىڭ مەسئۇلىيىتىڭ،مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولۇپ، دۈشمەنلەرگە مەغرۇر يۈزلىنىش. سنى سۆيگەنلەرنى خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش. تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ياندىكى ھۇجرىمىزدا خورەكنى دۆڭ تارتىپ ئۇخلىماقتىسەن. بوپتۇ ئۇخلىۋالغىن، ھىلىمۇ چارچاپ كەتتىڭ ماڭا ۋارقىرايمەن، قوغلاپ يۈرىمەن دەپ، چۈشەندۈرۈشلىرىم قۇلىقڭغا كىرمەيدۇ، ماڭا ئىشەنمەيسەن، ئەمدى چۈشەندۈرۈشنىمۇ خالىمايدىغان بوپقالدىم. ئالدىڭدا بەرىبىركەن ئەمەسمۇ؟ يېرىم كىچىدە كىرگەن ئىدىڭ،ئىشىك بىلەن يۈرىكۈمنى تەڭلا تىپىپ، تۆت سائەتتىن ئارتۇق ،سوتلاش، چۈشەندۈرۈش، تاكالىلىشش،سوقۇشۇش، يىغلاش قاتارلىق كۈندە دىگۈدەك ئوخشاش تەرىزدە تەكرارلىنۋاتقان جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئاخىرى ئۇخلاپ قالدىڭ. ماڭىغۇ مەيلى ، ئۆزۈڭ بۇ پەرزەنتىمىزنى ساقلاپ قالايلى ماڭا تۇغۇپ بىرىڭلا دەپ يۈرۈپ قورساق كۆتۈرگۈزگەن تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان مۇنۇ بالىمىزغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟ مەن بىلەن تەڭ ئازابلىندىغاندۇ؟ بىچارە بالام، ئىككىمىز كۈنلەپ ئاچ قالىمىز، تۈننى تاڭغا ئۇلىغچە ئۇيقۇسىز ياتىمىز، يەنە بالام ئىككىمىز سېسىق ھاراق بۇسىدىن تەڭ نەپەسلىنىپ، ئۇشتۇمتۇت كىلىدىغان مۇش- پەشۋالارنى بىللە يەيمىز.ئاھ بىچارە بالام ، ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئۈزۈكى بار تۇرۇپمۇ قورسىقمدا پەيدا بوپتىكەنسەن، دوختۇر بالىنى چۈشۈرگۈزىۋەتسىڭىز ھاياتىڭىزغا خەۋىپ يىتشى مومكىن دىمىگەن بولسا سىنى راھىتدىن ئازابى كۆپ بۇتەڭسىز دۇنياغا ھەرگىز باشلاپ كەلمىگەن بولاتتىم. داداڭ دىگەن ئەقىلسىزنىڭ كىمنىڭ بالىسى بۇ دىيشلىرى ئۇ جېنىمدىن بۇ جېنىمغا ئۆتۈپ كەتتى. ئادەم ئەڭ ئازاپىلانغان چىغىدا ئۆزىنى ئۇيۇن تاماشاغا زورلايدۇ.... ئچىلىپ يىيىلىپ ئويناش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئىچىدىكى ئازاپىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن............ دەپ ئۇقۇغان ئىدىم بىر كىتاپتىن، ساڭىمۇ ئاسان ئەمەس ،ئەمماقەيسەر بۇ كۈنلەرنى ناھايتى تەستە ئۆتكۈزىۋاتىمەن، ئېلىشىپ قېلىشقا ئازلا قالدىم. سىنىڭ سودا-تىجارەتنى تاشلاپ پۈتۈنلەي كەيىپ يولىغا مېڭىپ چۈشكۈنلىشىشىڭ، دادام كىتىپ ئۆينىڭ ئېتىز-ئېرىق ئشلىرنىڭ زىممەمگە ئارتىلشى،بالىلارنىڭ تەربىيسى، كىچىدىكى ئەندىشە ۋە ھاقارەت… ساراڭ بولايلا دىدىم، قانداق قىلسام ساڭا ياخشى بولسا شۇنداق قىلاي!نىمە شەرىت قويساڭ كۆنەي! ماڭا پەقەت خاتىرجەم تۇرمۇش بەرگىن. بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا ئاتىلق ئابرۇيۇڭنى ساقلىغىن… قارا مەسۇم قۇچاقلار ساڭا تەلمۈرىۋاتىدۇ، كەڭ ئالقانلىرىڭ بىلەن بېشنى سىلشىڭنى ،پىشانىسگە سۆيۈپ بەختلىك بولغىن بالام دىيشڭنى كۈتىۋاتىدۇ. مەن بىلىمەن ،سەن نامەرىت بالا ئەمەس ،ھامان يېنىمىزغا قايىتىپ كىلىسەن ،مىنى باغىرڭغا بېسىپ تۇرۇپ خان مەن خاتا قىپتىمەن، دەيسەن، شۇنداق قىلسەن ھە ئامرىقىم، ھازىرقى سەن سەن ئەمەس، ئۇنى سەن شەكلىلك ئالۋاستى دەپ تۇرايلى، سەن سەپەرگە كەتتىڭ چوقۇم قايتىپ كىلىپ مىنى بۇ ئالۋاستى ئۆزۈڭنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىسەن، ئاھ مىنىڭ قەيسىرىم ،كەلگىن مىنى قۇتۇلدۇرغىن.

6-قىسىم

6-قىسىم ماڭا سەن لازىم ئىدىڭ خان، سەنلا بولساڭ بولاتتى بۇ غېرىپ دۇنيارىمدا، دەپ پىچىرلىدى قەيسەر. شۇتاپتا خۇددى ئىپار ئۇنىڭغا نىمە دىسەڭ شۇ بولسۇن دەپ نىدا قىلغىندەك قەيسەرنىڭمۇ ئىمكان بولسا ھەممە نەرسىدىن كىچىپ بولسىمۇ ئىپارغا ئىرشكۈسى بار ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆلۈم يولىنى تاللاپ سېغىنغان مەھبۇبىسى بىلەن دىدارلىششنى ئىزدىگەن. ئەپسۇس…ئۆلۈم بىلەنلا بارچە خاتا قەدەملەرنىڭ ئورنى تولۇقلانسا ئىدى دۇنيادا ئازاب مەۋجۇت بولماس ئىدى. شۇنداق بىر بۆلۈك ئادەملىرىمىز باركى نە ياشاشقا نە ئۆلۈشكە ھەققى يوق. بەئەينى قايناق سۇ تۆكۈلۈپ كەتكەن يالقۇنلۇق ئوتۇن مىسالى ئىس چىقىرىپ تۇرغىنى تۇرغان. قەيسەرگە ئەڭ يېقىن ھىسابلايدىغان جانجىگەر دوستى ۋە يىگانەم دەپ چىكسىگە قىسىپ يۈرگەن گۈلىنىڭ ≦خىيانىتى≧ بەكلا ئېغىر كەلگەن بولۇپ ئىنسان ئاتلىق مەخلۇققا مىھىر بەرمەسلىك توغرىسدا قەسەم قىلىۋەتكەندەك قىلاتتى.ئۆيدىن چىقتىمۇ بولدى ھېچنىمنى تۇيمىغۇدەك بولغۇچە ئىچىپ،يېرىم كىچىدە ئۆيگە قايتىپ كىلەتتىدە توشقانغا ئېتلغان بۈركۈتتەك ئىپارغا قول سالاتتى.نەزەرغۇ ئۆيىدە قىمار ئويۇشتۇرۇپ جىدەل چىقىپ بىر ئادەمنىڭ ئېغىر يارلىنشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان دىگەن جىنايەت بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى، جاجىسنى يىدى. ئەمما بىچارە ئىپارغا ھەقىقەتەن ئۇۋال بولدى. بۇغداي ئۆڭ ،بەسىتلىك كەلگەن قەيسەرنىڭ مۇنداقلا شىلتىغان بىر مۇشتى زەپىراندەك سارغايغان قوناق شېخىدەك ئۇرۇق ئىپارنىڭ يىقىلپ كىتشىگە يىتىپ ئاشاتتى. -ئېيتە، قاچاندىن باشلانغان؟ -جېنىم قەيسەر قانچە قېتىم دەيمەن، ھېچقانداق ئىش يوق، -مىنى نىمىشقا ئويلاپ قويمىدىڭ؟ -سىزنى ئويلىغاچقا شۇڭا سادىقلق بىلەن پىشىڭىزنى مەھكەم تۇتۇپ كىلىۋاتىمەن. ماڭا ئىشنىڭ، -ئىشەنىچ، ھىم …يىگىلى بولامدۇ ئۇنى، مەن ئىشەنىچ قىلغاندا سەن نىمە قىلغانتىڭ قانجۇق! -ئۆتۈنەي ماڭا ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئەرلىكگە ھاقارەت قىلماڭ.مەن قەسەم قىلاي، ھېچقانداق ئىش…… -بولدى قىل بۇزۇق ،سىنىڭ قەسەمگە سالاھىتىڭ توشمايدۇ. -ئاھ دۇنيا…مىنى بۇ تۆھمەتتىن ئازاد قىل، -تۆھمەت دەيسىنا، ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام ،ئەجىبا بېشڭدا قاراپ تۇرسام بوپتىكەندە سەن ھايۋانلارنىڭ، ئىپار تولغۇشۇپ جايىدا يەردىلا ئولتۇرۇپ ،چېچىنى قاماللاپ يىغلاشقا باشلايتتى. -ئىسىت…ئىسىت… -نىمە ئىسىت ھە، پۇشايمان قىلىۋاتامسەن ؟ ماڭا تەگكىنىڭگىمۇ يا ئۇنىڭدىن ئايرىلغىنڭغىمۇ؟ -ۋاي بالىلىرىم، ۋاي بالىلىرىم… -بالام دەۋاتامسەن تېخى پاسكىنا،تۇزكور ئاناڭنى… -ھۈ…… يىغلايسەنغۇ يەنە، سىنىڭ توغرا ئوخشىمامدۇ، يىغلە مانا،يىغلە…ئايي ئايي تازا ئىتنىڭ بالسى، تامغا ئۈسسۈۋاتىسىنا، ئۆلۈپ بىرەي دىگەنمۇ؟ ئەستا قېنى ما پىچاق؟ ئاخىرى يىغلاشقىمۇ ئىمكانىيەت تاپالمىغان ئىپار شۈمشىيىپ ،ئاۋازىنى ئۆچۈرۈپ جىم ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى. قەيسەرغۇ سۆزلەيدىغننى سۆزلەپ، ئۇردىغاننى ئۇرۇپ بولۇپ ئۇخلاپ قالاتتى. بىراق بىچارە ئىپارنىڭ ئىچىدە بايىقى گەپ- سۆزلەر غەليان قوزغاپ كىچىچە كىرپىك قاقماي چىقاتتى. ئەتىسى ئەتگەندە باللارنى مەكتەپكە ماڭدۇرۇپ،چارۋىلارنىڭ ،ئېتزنىڭ ئشنى بىرە قۇر تۈگۈتۈپ كىرىپ ئاندىن بوش ئاۋازدا قەيسەرنى چاقىراتتى.قەيسەرنىڭ شۇ بىر ئىشقا ھازىرمۇ كۈلگۈسى كىلىدۇ ھەم ئىچى كۆيىدۇ، ئىپار ھەر قېتىم ئۇخلاپ قالغان بىرسىنى ئويغاتماقچى بولسا خۇددى ئاڭلاپ قېلىپ ئويغىنىپ كەتمىسۇن دىگەندەك ئاستا ،سىلىق چاقىراتتى.بۇمۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئىسىللقىنىڭ بىر ئىپادىسى بولسا كىرەك. خۇتۇن مىنى كەچۈرەرسەنمۇ؟دەپ نىدا قىلاتتى قەيسەر،ھەقىقەتەن تەلۋىلەشكەن،ئادەملىكىمنى يوقاتقان ئادەممەن. ھەتتا قورسىقڭدىكى بۇلماقتەك چىرايلىق سەلىمە قىزىمنىمۇ ئاياپ قويمىغانتىم. كۆز ئۆڭۈمدىكى ئاشۇ بىر مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش ،ئەقل دەرياسىمنى قۇرۇتۇپ، غورۇر ئەينىكمنى پارە پارە قىلىپ، ئىشەنچ تاغلىرىمنى كۈمپەيكۈم قىلىۋەتكەن ئىدى. سىنى قويۇۋىتشنى ئويلىدىم، ئۆيگە قايتماي سىرتلاردا قونۇپ سىناپ باقتىم، لىكىن سەنسىز تۇرمۇشنىڭ تۇرمۇش بولمايدىغانلىقنى ھىس قىلىپ يەنە ئۆيگە، يېنىڭغا قايتىپ كەلگەن چاغلىرىم تالاي…مەيلى مەست بولۇپ دىلڭغا ئازار بىرەي، مەيلى ھۆڭرەپ يىغلاپ قۇچىقڭدا ئۇخلاپ قالاي ھەرقاچان يېنىڭدا بولۇشنى ئارزۇلايدىغان ئاشىقڭ ئىدىم. يا سەندىن كىچەلمەي ياكى توغرا چۈشنىپ بولالماي شۇقەدەر قىينالغان ئىدىمكى بىر ئۆزۈم بىلىمەن. بالىلارغىمغۇ تارتىشىپ كەتمىگەن ،نەدىلا بولمىسۇن ئۆلۈپ قالمىسلا چوڭ بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەمەسمۇ؟ ھەر قانچە قىلسمۇ ئاتا- ئانىسى يېنىدا، بىر ئۆيدە مىھىر بىلەن تەربىيەلىگەن بالىلاردەك خۇشال يۈرەلمەيدىكەن ئەمەسمۇ؟ سەلىمە قىزمىزنىڭ يۈزىنى كۈندە نەچچە رەت يۇيۇپ تۇرساممۇ بىر يەرلىرىدىن توپا ئۆرلەۋاتقاندەك، چاچلىرى پاخپىيىپ كەتكەندەك تۇيۇلىدۇ، ئەسقەر بىلەن قەرنىڭ بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغاندەك شۇنچە سۇلغۇن. ئۆيىمىزدىنغۇ بوران ئۇچۇپ تۇرغىنى تۇرغان، ھەممە كەلگۈلۈك مۇشۇ ئەقللىق قىزىم نىگارغا بولدى. ئەتىگەندە ئۇكلىرىنى ئويغىتىپ چاي بىرىپ مەكتەپكە ماڭمىسا تېخى، كەچكىچە ئىمتاھان تەييارلىقى دەپ بېسىم بىلەن ئۆتۈلىۋاتقان دەرسلەرگە تاقابىل تۇرمىسا تېخى، كەچتە يەنە ئۆيگە قايتىپ ئۆي تازلايدىغان ،كىر يۇيىدىغان دىگەندەك ئايال كىشى قىلشقا تىگشلىك ئشلارنى تاماملايدۇ. ئۆيىمىزدە سەن سەۋەبلىك ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن كۈندە چۆچەك ئاڭلاپ ئۇخلاش ئادىتنى داۋاملاشتۇرۇپ ھەركۈنى كىتاب ئوقۇپ ئۇكىلىرنى ئۇخلىتىپ بولۇپ ئاندىن مانا بۈگۈنكىدەك مۇئەللىم بەرگەن تاپشۇرۇقلارنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قالىدۇ. ئۆگىنشتىنمۇ چېكىنىپ كەتتىڭىز بىچارە قىزىم، مەن ئانىڭىزدەك قىلالمايدىكەنمەن. قانچە قىلپمۇ ئانىڭىزدەك بولالمايدىكەنمەن.مىنى كەچۈرۈڭلار بالىلىرىم ھەممىگە مەن ئەيىپلىك ، ئاناڭلارنى مەن ئۆلتۈردۈم. مەنلا ئۆلسەم بولمامدۇ ؟ نىمىشقا مىنىڭ جېنىمنى ئالمايسەن؟ ئۆتۈنەي مىنىڭ جېنىمنى ئالغىن دە ئۆيۈمنىڭ گۈلى، بالىلىرىمنىڭ بۇلىقى ،يۈرىكۈمنىڭ ئارمىنى ئىپارىمنى قايتۇرۇپ بەرگىن! مىنىڭ ئۆلگۈم بار! ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ مىنىڭ ئۆلگۈم بار دىگەن سۆز قانداق ئۇشتۇمتۇت ئېيتلىغان بولسا قەيسەرمۇ شۇنداق تىزلا ئەسلىگە كەلدى. چۈنكى ئىپار ئۇنىڭ مۇشۇ گىپنى پەقەتلا ياقتۇرمايتتى. قەيسەرنىڭ كۆزىگە ئىپارنىڭ سۇلغۇن، خىيالچان سىمايى قايتا كۆرۈنگەندەك بولدى.…ياق…ياق…ماقۇل، مەن ئۆلمەي ،ياخشى ياشاي، سەنمۇ كەتمىگىن بىللە ياشايلى گۈلۈم. ئىپارنىڭ مەۋھۇم سىماسى تاتلىق كۈلۈمسىرەپ، خۇمارلاشقاندەك كۆزلىرنى قەيسەرگە تىكىپ ئاستاغىنە ئۇنى باغرىغا باستى. چەكسىز لەززەت ھىس قىلغان قەيسەر ئاھ دەپ نىدا قىلىپ ،قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ چېچىنى سىلاشقا،ھىدلاشقا باشلىدى.كەتمە ھاياتىم، ساڭا چىدىمايدىكەنمەن. ئاھۇ كۆزلىرىڭنى كۆرەلمەسلىك ئۆلۈمدىن ئېغىركەن، …قەيسەر ئىپارنى بەكرەك كۆرىۋالماقچى بولۇپ، كۆزىنى ئېچىپ بوشلۇقتا لەيلەۋاتقان قوللىرىنى كۆردى ۋە بىر ئۇھسىنۋىتىپ ،مەشكە ئوتۇن سالدى.لىققىدە مەدەك قاچىلانغان مەشنىڭ تۆشۈكىدىن ئاقۇش ئىس چىقىپ، ئۆينى ئىسسىتىش ئۈچۈن ھەركەتلەنمەكتە.قەيسەر خاتىرنى قولىغا ئېلىپ يېڭى بىر بەتكە كۆز يۈگۈرتتى.بۇنىڭدىن كىينكى بەتلەرنىڭ ئازاپ بىلەنلا توشۇپ كىتدىغانلىقنى سىزىپ تۇرسىمۇ ئوقۇماسلىققا كۆڭلى ئۇنىمايتتى… خەيىر ئىپار يەنە نىمىلەرنى پۈتكەندۇ؟ تىلىڭنى چۈشىنىپ دىلىڭنى چۈشەنمىسە ئۇ سەن بىلەن بىر يولدىكى ئادەم ئەمەس!.....ئىپاربانۇ ئۆزۈمنى چارچاۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن،بۇ يوللاردا يەنە مېڭىپ بولالمايدىغاندەك،خالىغان بىر سايىلىك ئارامبەخىش جايدا ئولتۇرۇپ ئۆز خاھىشىم بويىچە ياشايدىغاندەك،ھەممىنى چۆرىۋىتىدىغاندەكمۇ قىلىمەن،ئەمما بولمايدۇ. چۈنكى قولۇمدىكى ئەمدىلا ئۈنۈپ تۆت قۇلاق بولغان يۇمران مايسىلار سۇغا يۇرۇقلۇققا، ئىللقلىققا مۇھتاج.ئۇنى مەن بىرەلەيمەن، ئۇلارنى مۇھەببىتىم بىلەن ئىللىتىپ، مىھرىم بىلەن سۇغىرىپ،ئەقل-پاراسىتىم بىلەن يۇرۇقلۇق ئاتا قىلىپ پورەكلەپ ئېچىلىشغا مۇكەممەل بولغان شارائىت بىلەن تەمىن ئىتشىم كىرەك. قىينلىش بىلەن قىيالماسلىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپتىمەن، قاياققلا ماڭسام قىيالماسلىقم،قانداقلا ماڭسام قىينىلشىم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. تۈنۈگۈنلا جېنىمنى راھەتلەندۈرۈپ قۇلاق تۈۋىمدە پىچىرلاپ ،چاچلىرىمنى سىيلىغان سالقىن شامالنىڭ بىردەمدىلا غايەت كۈچلۈك ،ئەسەبى بوران بولۇپ يۈزلىرىمنى مورلاپ،چاچلىرىمنى يۇلۇپ، كۆزلىرىمگە نادامەت قۇملىرىنى تىقىشنى كىممۇ ئويلىغان؟ باش ئۈستۈمدە غادىيىپ تۇرغان مەغرۇر توغرىقىم كەڭ يەلكىسى ،باراقسان شاخلىرى بىلەن مىنى شامال بوران تۇمۇزلارنىڭ قارا قوللىرىدىن قوغداپ تۇراتتى. ئۇ بولغىنى ئۈچۈن مەن بەخىتلىك ئىدىم،ئۇ بولغىنى ئۈچۈن مەن خاتىرجەم ئىدىم ،بىغەم ئىدىم گالۋاڭ ئىدىم.ئەپسۇس توغرىقىمغا نىم بولدى؟يېنىدىكى سۇۋادان تىرەكلەرنىڭ ئۈزىدىن ئېشىپ بويۇن سوزۇپ تەكەببۇرلۇق بىلەن تۇرۇشلىرى ،پاكارغىنە ئۈجمە دەرخىگە قونۇۋالغان كاككۇكلارنىڭ ئىشىق ۋاپا كۈيىدە ئاھ ئۇرۇشلىرى قورسىقىنى ئەستىمۇ ياكى تۇيۇقسىز كەلگەن ئاپەت مۆلدۈرنىڭ زەربىسى يۈرىكنى ئەزدىمۇ بىلمىدىم. ئۇ شاخلىرىنى ئەنسىز پۇلاڭلىتاتتى.كىچچىككىنە شامالدىنمۇ ئۈركۈپ،ياۋا شاخلىرى بىلەن نازۇك بەرگىلىرىمگە ،يۇمران يۇپۇرماقلىرىمغا زەربە بېرىپ قوياتتى،ئەمما ئارقىدىنلائۆز-ئۆزىنى ئەيىبلەپ ،يىلتىزى بىلەنلا قومۇرۇلۇپ كەتكۈدەك قاراسلايتتى. ئىھ دۇنيا! ئۇنىڭغا سەۋىرچان بولۇشنى ،بەخىتنىڭ ئەتىراپىدىلا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈپ بەرگىن. بۈگۈن يەنە ئىچىپ ئولتۇرغانلىقڭنى ئاڭلىدىم، بىلەمسەن؟ھەرقېتىم سىنىڭ ئىچىۋاتقانلىقڭنى ئاڭلىسام بەدىنمنى تىترەك بېسىپ، جددىيلىشىپ بالىلارغىمۇ قوپال تىگىدىغان بوپقالىمەن، يۈرىكۈم ئىچ- ئىچىدىن ئېچشىپ كىتىدۇ. تىلفۇن قىلسام كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغانلىقىنى، ياخشى گەپ ئىشتمەيدىغانلقىمنى بىلىمەنۇ ،تىلفۇن قىلماسلىققا چىدىيالمايمەن. ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ نەدە، كىملەر بىلەن ئولتۇرغانلىقڭنى بىلىش، كەيپىياتىڭنىڭ قانداقراق ئىكەنلىكگە دىئاگىنۇز قويىۋېلىش ھەم كەچتە بولىدىغان سوغوق سۆھبەتلەرگە ئالدىن تەييارلىق كۆرۈپ قويۇشۇم كىرەك. بالىلارنى بالدۇرلا ياتقۇزۇپ چۆچەك ئوقۇپ خاتىرجەم ھالدا ئۇخلىتىپ بولۇپ، ئۆيدىكى قاتتىق -قۇرۇق ئادەم ئۇرسا زەخمىلەندۈردىغان نەرسىلەرنى سەن تاپالمىغۇدەك يەرلەرگە يوشۇرۇپ قۇيۇپ سىنى ساقلاپ دەككە-دۈككىدە ئولتۇرۇپتىمەن. بالدۇرراق كىرشىڭنى، ئازراق ئىچشىڭنى،تىزراق ئۇخلاپ قېلىشڭنى ئۈمۈت قىلىمەت. تۈرلۈك بېسىملاردىن ھارغىنمغا قارىماي كۆزۈمدە ئۇيقۇدىن ئەسەرمۇ يوق. بىلىمەن ! ھەممە نەرسىنى تىقىپ ،يۇغۇشتۇرۋەتسەممۇ بەرىبىر ئازار يەيمەن، گاھ ئىشكابنىڭ ئېغىزى، تارتمىسى، مۇنچا تۇرۇبىسنىڭ دەستىسى، ئەينەكلىك ئىشكنىڭ جازىسى ھېچ بولمىسا كىيىپ كىرگەن ئايىغىڭ ۋەياكى بەلتاسماڭ بىلەن… جاھان ئوڭدا دۈم بولۇپ كەتسە كەتسۇنكى مەن ھاراق بىلەن ئەپلىشەلمەيمەن! ھاراققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشقا كۆنۈپ قالالمايمەن.

7-قىسىم

جاھان ئوڭدا دۈم بولۇپ كەتسە كەتسۇنكى مەن ھاراق بىلەن ئەپلىشەلمەيمەن! ھاراققا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق ئىشقا كۆنۈپ قالالمايمەن. مەن ئۇنىڭغا ئۆچ.ھاراق مىنىڭ دۈشمىنىم. ئاخشامقى تۇرقۇڭغا قاراپ شۇنداق ئېچىندىم. ئۆيىمىزنىڭ ئىشكىنى ماخچايتىپ قويدۇڭ، دەردىڭ چىقمىغاندەك ، ئىچىڭ بوشىمىغاندەك يەردىلا ئولتۇرۇپ ھۆڭرەپ يىغلاشقا باشلىدىڭ. شۇتاپتا ئىچىمدىكى نەپرىتىم بىلەن مۇھەببىتىم سوقۇشۇپ ،يۈرىكۈمنى پارتىلىتىۋىتەي دەپ قالدى. قان ئېقىپ تۇرغان پاچىقڭنىڭ يىرتىلپ كەتكەن گۆشىگە قاراپ، يەنە ئۆزۈڭنى خارلامسەن، سەنمۇ ئەركەكمۇ؟دەپ چېچىڭدىن تۇتۇپ تامغا ئون- يىگىرمنى ئۈسسۈتىۋەتكۈم، باغرىمغا مەھكەم بېسىپ تۇرۇپ، سەن مىنىڭ ھاياتىم، ئۆيىمىزنىڭ تۈۋرۈكىسەن،بۇنداق قىلمىغىن، ئۆزۈڭگە قايتىقىن قەيسىرىم دىگۈم بەكلا كەلدى، ئەمما ھېچنىمە قىلمىدىم، -گۈل نىمىشقا قىزىل، -سورايتتىڭ ،مىنى قىيناپ، -بىلمەيمەن،سىلە دەپ بىرىڭلا… دەيتتىم مەنمۇ ئەستايىدىل جاۋاب بىرىپ بۇرنۇمغا يىگەنلىرىمنى ئويلاپ، -چۈنكى ئۇنىڭ ئاشنىسى با… -ئۇفف؟ -ئەكە ئوڭ قولۇڭنى، -مانا، -قاچانراقتا خېتىڭنى ئالىسەن؟ -مەن ئاجرىشمەن دىمىدىم؟ -ياق ،سىنىڭ ئاجراشقۇڭ با، دەرۋازا ئاۋۇ تەرەپتە ، ماڭساڭ بولىدۇ، مەن سەن بىلەن بىر يولدىكى ئادەم ئەمەس، -كىم شۇنداق دەيدۇ، ئون نەچچە يىل بىر ئوبدان ئۆي تۇتۇپ كەلدۇققۇ؟مەن سىلەردىن ئايرىلالمايمەن. -ئامال يوق.مەن ۋىجدانسىزلار بىلەن بىللە ياشىيالمايمەن. -مەن ۋىجدانسىزلىق قىلمىدىم،نىمىشقا چۈشەنمەيسىز؟بالىلىرىمىز بار تۇرسا، مۇشۇ كىچىككىنە ئشنى دەپ، شەخسىيەتچىلك قىلىپ،بالىلارنى يىتىم قىلامدۇق؟ شۇتاپتا مەنمۇ ئاران تۇرىۋاتىمەن، بىلەمسىز؟ بەرداشلىق بىرەلمەيلا قالدىم،مىنى قستىماڭ، -ئوكەي، يوقالساڭ بولىدۇ، دەرۋازا ئوچۇق،ئىشكتىن چىقىپ،ئۇدۇل مېڭىپ ئوڭغا قايرىلساڭ بارىسەن، بالىلاردا ھەققىڭ يوق، سىنڭدەك ۋىجدانسىز ئىتنىڭ بالسىنىڭ، بالىلىرىمنى بېقىش ھۇقۇقى يوق.ئۆلمىسە چوڭ بولىدۇ، ئۈزۈم باقىمەن. -قانداق قىلىپ باقىسىز؟ كۈندە ئۆيگە مەس كىلىپما؟ -تۈفى ئاناڭنى، نىمە چاتىقىڭ! قانداق باقسام باقىمەن، باقالىسام ئۆلسە ئۆلىدۇكى سەندەك بۇزۇققا تاشلاپ بەرمەيمەن.ئاچاڭنى… -ئىسىت سىنىڭ ئەركىشى بوپقالغىنىڭ، سەنمۇ دادا بولدۇڭمۇ؟قېنى سەندىكى مەسئۇلىيەتچانلىق، ئەركەكمۇ سەندەك بولامدۇ؟ -مەن ئەركەك ئەمەس شۇنداقمۇ؟ نەزەردەك بولسام ئەركەك بۇلامتى ،ھۇ يۇندا ئىچكەن مەينەت پاسكىنا،كۆزۈمدىن يوقال، نەگە بارساڭ بار، -خەپ، خەپ خەپ…بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر،ئىسىت بالىلىرىم، ئاخشام بىر كىچە مانا شۇنداق جەڭگى-جىدەل بىلەن تاڭغا ئۇلاشتى، بىركىچە كىرپىك قاقماي،بېشىم پارتىلاپ كەتكۈدەك ئاغرىپ، كۆزۈم قىزىرىپ ھەم يۇمۇلۇپ كىتىۋاتاتتى، ئاخىرى ئۆي ئىچىنى لىققىدە قۇسۇققا تولدۇرۇپ بۇلۇپ ھېرىپ ئۇخلاپ قالدىڭ، لىكىن ماڭا نە ئۇخلىۋالغۇدەك پۇرسەت بولسۇن؟ قۇسۇقلارنى تىزرەك تازلاپ,مەكتەپكە بالىلارنى يولغا سېلىشم، ئۇلاغلارغا بىرنەرسە بېرشىم، ئاندىن توپتەك تومپايغا قورسىقمنى سۆرەپ ئازراق بولسىمۇ ئېتىزغا بېرشىم كىرەك. ئۇفففف بەكلا چارچىدىم، بېشىم قېيىپ يىقلغىلى ئارانلا تۇرىمەن، ئېتىز قىرىغا بېشمنى قۇيۇپ يېرىم سائەتچە ئۇخلىۋالدىم بۈگۈن، بالىلىرىمنىڭ دادىسى، ئون نەچچەيىللق ھەمراھىم، يۇرتدىشىم قەيسەر سىيىت ھۇشۇڭنى تاپ، ئەسلىڭگە قايتقىن، سىنى سۆيگەنلەرنى، ساڭا كۆنگەنلەرنى، ساڭا مۇھتاج شۇ مىسكىن دىللارنى ئۈمدسىز قويمىغىن! ماڭا ئىچىڭ ئاغرىمسىمۇ، ئاۋۇ يالغۇزغىنە ئانىمىزغا، ھېچ گۇناھسىز سەبى بالىلىرىمىزغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن. -مۇشۇمۇ ، سىنى ئۇرغان نەس قۇلۇم مۇشۇمىدى؟ مانا ئەمىسە، قەيسەر تامغا زەرىب بىلەن نەچچىنى ئۇرىۋەتتى، خاتىرنىمۇ يەرگە ئېتىپ ئۆي ئىچىدە پىرقىراشقا باشلىدى. كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلپ، لەۋلىرى سۇس تىترەيتتى، ئۇ چىشنى غۇرۇچلىتىپ بىردەم تۇرىۋەتكەندىن كىيىن، دەم ئۆرلەپ دەم پەسىيىۋاتقان كۆكسىنى ئوڭ قولىدا مۇجۇپ قۇيۇپ،موخۇركا ئوراشقا باشلىدى. زىڭلداپ ئاغرىۋاتقان تىترەڭگۈ قوللار ھېچ قولاشماي كۆك تاماكا ئۇۋاقلىرى مەشنىڭ ئالدىغا چېچىلىپ كىتۋاتاتتى. -ئەجەپ تەپسىلى يېزىپ كىتپسىنا، ئۆلۈپ كەتكەندىن كىينمۇ مىنى راسا ۋىجدان ئازابى تارتسۇن دەپ قىلغان ئىشڭما بۇ، ئۇنىڭسىزمۇ يۈركۈمنى ئۆرتەۋاتقان ئىشلار ئازمىدى؟ سەنغۇ كىتپلا ھەممىدىن قۇتۇلدۇڭ، لىكىن مەن نىمىگە ئايلاندىم، ئەل -خالايىقنىڭ ئالدىدا نامەرىت،ئادەم بولمايدىغان ۋىجدانسىزغا، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئالدىدا گۇناھكارغا، بالىلارنىڭ ئالدىدا قاتىلغا ئايلاندىم، ھازىر ھەتتا ئۆزۈمنىڭ نەزىردىمۇ ئۆتۈپ كەتكەن يارماسقا ئايلنىپ ،ئۆزۈمنى ئىزچىل كەچۈرەلمەي ئەيىپلەپ كەلدىم، سەن كىتىپ قالغاندىن بىرى ياخشى بولۇش ئۈچۈن تىرشىۋاتىمەن، بىلەمسەن ،بەك كۆپ تىرىشتىم، مىنى يەنە نىمە قىل دىمەكچى سەن؟ئۆلۈپ كىتشنى شۇنچىلك ئارزۇلاپ قالدىمكى ئۆتكەندە بىر ھازىردارنىڭ ،،بالدۇرلا كىتىپ قالغان قېرىندىشىم،، دىگەن گىپنى ئاڭلاپ كۈلگۈم كەلدى.ئۆلسە نىم بوپتۇ، ھەمىمىز كىتمىز خوشلىقىدىن خاپىلقى جىق بۇ جاھاننىڭ ئۇزاقراق ياشىسام بولاتتى دىگۈدەك نەرى با.؟بەلكىم ئۇنىڭغا ئۆلۈم ناندەكلا ئەۋزەلدۇ، ئاھ ! نىمىدىگەن شىرىن تۇيغۇ ئۆلۈم دىگەن، بىر لەھزە تىنىق چىقشتىن توختىسا ،بىر ئۇچۇم ھاۋا سۈمۈرۈلۈشكە قوشۇلمىسا …مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتسە، ھەممىدىن قۇتۇلسا ،ھەممە ،ھەمىمىدىن… ئۇ مۇخۇركىنى كۈچەپ شوراپ،تۈتۈننى لەۋلىرى ئارسىدىن ،بۇرۇن تۆشۈكلىرىدىن ئاستا پۈۋلىدى.جېنى راھەتلەنگەندەك، بايامقى ئاچچىقى نەلەرگىدۇ غايىپ بولغاندەك ھۇزۇرلىنىپ، مۇقاۋىسى بىلەن ئىچدىكى ۋاراقلىرى ئاجراپ كەتكەن خاتىرىگە سىنچىلاپ قاراپ كەتتى. قارا رەڭلىك مۇقاۋا ئىپارنىڭ چۇۋۇلغان چاچلىرىدەك، ئاق ۋاراقلار ئۇنىڭ ئاق رەڭلىك ئۇخلاش كىيمىدەك يەردە سۇنايلىنىپ ياتاتتى. -ئۇرە ،دەپ ئىستىزا بىلەن كۈلەتتى ئۇ، سەن ئۇرالايسەنغۇ ، ئەمما ئۇنۇتما قەيسەر ھەرتامچە ناھەق تۆكۈلگەن ياشلىرىم ئۈچۈن بەدەل تۆلەيسەن، -مىنى قارغاۋاتامسەن؟ ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -سىنى قارغىمايمەن، ئۆزۈم ھەرقانچە دەرتتە قالساممۇ سىنى خۇشال ياشىسكەن دەيمەن…ئەمما سەن قۇشۇلمايۋاتىسەن، مىنمۇ ئۆزۈڭنىمۇ قەستەن قىيناۋاتىسەن،مەيلى مەن يېنىڭدىن كەتسەملا ياخشى ياشايدىغان ئىشىڭ بولسا مەن يوقىلاي، -كىتدىغانلىقڭنى بىلەتتىم، مىنى ياراتمايسەنغۇ ھە، پۇلۇم تۈگىدى شۇنداقمۇ؟ بوپتۇ! پۇلى با، ماشنسى با، سىنى ھەركۈنى كۈلدۈرۈپ ياشايدىغاننى ئىزدەپ تاپ، شۇنىڭ بىلەن ياشا، بەختڭنى تىلەيمەن. -مىنىڭ بەختىمنىڭ سىنىڭ قولۇڭدا ئىكەنلكىنى بىلمەمسەن؟ باللىرىمدىن،بۇئائىلدىن، سەندىن ئايرىلسام ئۆلگەنگە تەڭ ياشايمەن دىدىمغۇ؟ ئىپار شۇنداق دەپ ئۈن سېلىپ كىتەتتى…قەيسەر دەلدەڭشىپ بىرىپ،يەردە ئولتۇرغان ئايالنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالاتتى. پاختا سودىسدا قەيسەر ئارقا- ئارقىدىن زىيان تارتىپ،دەسمايسىدىن ئايرىلىپ قالدى، كىچىك قىزى سەلىمەگە جەرىمانە تاپشۇرغاندا ئۆيدە پۇل يوق بولغاچقا ئېغىلدىكى ئىككى كالىنمۇ سېتىۋەتتى، ئەلۋەتتە ھەتتا چارۋا ساتىدىغان جەرمانە تۆلەيدىغان ئىشلارغىمۇ قەيسەرنىڭ ئارلاشقۇدەك ھەپسىلسى يوق ئىپار بىر قوللۇق قىلاتتى. شۇ يىللاردا قەيسەرنىڭ ئانىسىمۇ ياشنىپ قالغاچقا، بالىلار تېخى كىچىك بولغاچقا ئائىلنىڭ بارلىق ئېغىر يەڭگىل ئىشى ئۇنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى .ئىپار بۇ قاباھەتلىك كۈنلەرنىڭ تىزراق ئۆتۈپ كىتشىگە، سۆيگەن يىگىتى قەيسەرنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە قايتىشىغا شۇنچىلك تەشنا بولدىكى ھەر كۈن ،ھەر سائەتنى بارمىقىنى پۈكۈپ تۇرۇپ سانىغاندەك ئۆتكۈزىۋاتاتتى. بەخىتلىك كۈنلەر شارقىراتما سۈيىدەك ئىلدام چاپقىنى بىلەن ،نادامەتلىك كۈنلەر ساپان سۆرىگەن كالىدەك مىسىلداپ ئۆتىدىكەن. بارا- بارا چارچىغان ئىپار قەيسەر ئۈچۈن ۋەز- نەسىھەتنىمۇ، يېلىنشنىمۇ ، چۈشەندۈرۈشنىمۇ توختاتتى…ئۇنىڭ شۇ تاپتا تاللىغان بىردىنبىر ياخشى ئامالى كۈتۈش ۋە سۈكۈت بولدى، دىمىسىمۇ باشقا ياخشىراق چارە تېپلمىدى.قەيسەرمۇ داۋاملىقلا ئەسكىلك قىلىۋەرمەيتتى، ئۇنىڭمۇ بىسغا يېنىپ كۈيۈمچان ،مىسكىن ئەرگە ئايلانغا ياخشى چاغلىرىمۇ بولغان، مەستىلكىدىن يىشلگەن بەزى چاغلاردا ئىپارنىڭ بېشىنى سىلاپ ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇپ،ئۆزىنى كەچۈرۈشنى،ھەممە ئىشلارنىڭ پات ئارىدا ئۆزگىرىدىغانلقىنى، ئەمدى ئىچمەيدىغانلقىنى ئېيتىپ ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ مۇما ياغاچقا ئىپارنىڭ ئىشەنچ تانسىنى مەھكەم باغلاپ قۇياتتى. قەيسەر مۇخۇركا قالدۇقىنى مەش تۆشۈكىدىن سېلىۋىتىپ، ئوتۇن لىقلىدى.چەينەكتىكى سۇ يېقىملىق ئىسقايتىشقا باشلىغاندا ،ئۆي ئىسسىغانلىقتنمۇ ئەيتاۋۇر ئۇبېشىنى تىزىغا قۇيۇپ مۈگدەپ قالدى. گىرىمسەن بوشلۇقتىكى تۇمانلار ئارسىدا ئۈزۈپ كىتىۋاتقان قەيسەر،ئاق بۇلۇت ئۈستىدە ئاپئاق كۆڭلەك بىلەن ئىككى تىزىنى قۇچاقلاپ بوينىنى قىسىپ ئولتۇرغان ئىپارنى كۆردى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتى شۇقەدەر گۈزەل ھەم مىسكىن ئىدىكى قەيسەرنىڭ ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغا چىقىپ كەتتى. -خان،خان -كۈچەپ چاقىردى ئۇ، لىكىن ئىپار خۇددى بۇرۇنقى چاغلاردىكىدەك مۇڭ باسقان كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە خىيالغا چۆمگەندەك قىمىرلاپمۇ قويمىدى. قەيسەر تاغنى باغلاپ قويغاندەك ئېغىر قەدىمى بىلەن ئالغا سىلجىدى، مانا ئەشۇ مىھىرلىك ئاپئاق ،ئىسسىق قوللارنى تۇتۇشقا نەچچە قەدەملا قالغان ئىدى، تۇيۇقسىز يەردىن ئۈنگەندەك قولىدا بىردەستە ئاق ئەتىرگۈل تۇتقان نەزەر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ شۇنداق ئىپلاسلارچە كۈلدىكى قەيسەرنىڭ بەدىنى شۈركىنىپ كەتتى. نەزەر يەك تىز بولۇپ ،گۈلنى مۇلايىملىق بىلەن ئىپارغا سۇندى.ئۇنىڭ بۇ ھالىتى ھازىرقى قىزلار ئارزۇ قىلىدىغان رومانتىكنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسنى ئەسلىتەتتى، ئىپار بېشىنى ئازراق مىدىرلىتىپ ،ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى. -ئېلىڭ ئۇمىقىم، بۈگۈندىن باشلاپ مىنىڭ بولۇڭ. سىزگە چۇقۇم قەيسەردىن ياخشى ئەر بولىمەن.بالىلارنىمۇ ئېلىپ كىلىڭ، ئۇلارمۇ مىنىڭ بولسۇن، ھەراس ،قېيناتا-قېينانىڭىزنىمۇ بىرگە ئەپكىلىڭ. مىنىڭ ئۆيۈمدە بالا ،ئانا، دادا يوق ، خۇتۇنمۇ يوق، پۇلمۇ ،ئابرۇيمۇ، مىھىرمۇ …ھېچنەرسە يوق. ھەممىسى مىنىڭ بولسۇن، ھەممىسى، ھا…ھا…ھا -تۈفى …ئىپارنىڭ ئېغىزىدىن چاچرىغان قان يىرىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان سۇيۇقلۇق نەزەرنىڭ يۈزىدىن ئايىغى تەرەپكە قاراپ ئېقىپ، تەگكەنلىكى يېرىنى قىپقىزىل گۆشكە ئايلاندۇپ ماڭماقتا ئىدى.ھېچنەرسىگە ئوخشىماي قالغان غەلىتە مەخلۇقنىڭ قولىدىكى گۈل بىردەمدىلا ھەممە يىرى لىققىدە مىخقا تولغان كالتەككە ئايلاندى. ئۇ ۋەھشىيلىشىپ قولىدىكى كالتەكنى ھەريان شىلتايتتى،كالتەك ھەر قېتىم ئىپارنىڭ بەدىننىڭ گۆشلىرىنى تىتما- تىتماڭ قىلىپ تىلغايتتى.قەيسەر توۋلاشتىن ،تىپرلاشتىن باشقا ھېچ ئىش قىلالمىدى، كالتەك ئىپارنىڭ يۈركىنى شۇنداقلا يىرتىۋىدى تامچىلىغان قانلار بۇلۇتقا چۈشۈپ،گۈل بەرگىسىگە ئايلاندى.قاتتىق غەزەپلەنگەن پۈتۈن بەدىنى قانغا بويالغان ئىپار ،نەزەرگە كۆزنى نەشتەردەك تىكتى، كۆز نۇرىدىن ھاسىل بولغان بىرپارچە قىپقىزىل ئوت نەزەرنى توڭگۇزدەك چىرقىرتىۋەتتى، ھەتتا بۇ سەت ئاۋازدىن قەيسەرمۇ قۇلىقنى ئىتىۋالدى. ھەممە يەرنى ،قىزىل ،قارا ،ئاق تۇمانلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، ئىپار ئاق تونىنى يېپنچاقلىغنىچە لەرزان قەدەملەر بىلەن ئۈستىگە قاراپ كىتىۋاتاتتى.

8-قىسىم

ئىپار ئاق تونىنى يېپنچاقلىغنىچە لەرزان قەدەملەر بىلەن ئۈستىگە قاراپ كىتىۋاتاتتى. -خان… توختا، مەن خاتا قىپتىمەن، ئىككىنچى ئۇنداق قىلمايمەن، توختا ئۈتۈنەي، مىنى تاشلاپ كەتمە.بىزنىڭ يەنە بالىلىرىمىز بار… قەيسەر داۋاملىق ئىشلىتدىغان ئەڭ ئاخىرقى كوزۇر گىپنىمۇ دەپ بولدى، ئىپار ھېچ ئارقىغا يانىدىغاندەك قىلمايتتى. -توختا ئەمىسە، مەن سەنسىز ياشىيالمايدىكەنمەن، مىنمۇ ئۈزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەت، ئاسمان بوشلۇقىدىن ،،، بىزنىڭ يەنە بالىلىرىمىز بار،،، دىگەن سۆز ئەكىس سادا بولۇپ ئاڭلانغاندەك قىلدى، ئاندىن تەبەسسۇم بىلەن كەينىگە قايرىلغان ئىپار قولىنى بىر شىلتىپ قەيسەرنى پەسكە ئۇچۇرتىۋەتتى. -ئىپارىم،ئۇنداق قىلما ،ياق،،ياق…خان مىنى ئەپكەت …ئىپارخان قارا تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن قەيسەر چۈچۈپ ،بېشنى كۈتۈرىۋىدى، مەشنىڭ جەينىكگە ئۈسسىۋالدى. ئۇفففففف…چۈشۈمكەندە دىدى ئۇ پۇشۇلداپ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىلارغا قاراپ، ئۇنىڭ قۇلىقىغا تېخىچە ،،بىزنىڭ يەنە بالىلىرىمىز بار،،،دىگەن سۆز تەكرار تەكرار ئاڭلىنۋاتاتتى. قەيسەر بىرھازا ئولتۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن ،ئوتنى كۈچلەندۈرۋىتىپ خاتىرىنى قولىغا ئالدى، ئاجراپ كەتكەن مۇقاۋىسنى قايتىدىن سېلىپ، توپا قونغان يەرلىرىنى يېڭى بىلەن سۈرتتى، ۋە داۋامنى ئوقۇشقا باشلىدى. قەلبى گۈزەل ئىنسانلار بىلەن بىرگە بول… گۈزەللىكىدىن بىر ئۈلۈش بېرەلمىسىمۇ، ئېسىل خىسلىتى يۇقىدۇ -ئىپاربانۇ سەن نەزىرىمدە بىر ئ‍ىسىل كەپتەر ئ‍ىدىڭ،كۆك قەھىرنى يېرىپ پەرۋازقىلغۇدەك جاسارىتىڭ،تەگكەنلىكى نەرسىنى ئ‍ىرىتۋەتكۈدەك ھارارىتىڭ بار ئ‍ىدى.مەن ئ‍ەشۇ جاسارىتڭگە ئ‍ىشنىپ، ھارارىتىڭگە مەپتۇن بولۇپ سەن بىلەن جۈپلەشتىم. مانا ئ‍ۇماققىنە سېرىق تۈك، يۇمىران ،تولىمۇ مىھىرلىك باچكىلىرىمىزبىزنى سۆيۈندۈرۈپ ئ‍ۆز قەپىزىمىزئ‍ىچىدە چوڭ بولماقتا،سەن ئ‍ۇلارنى ئ‍وبىدان قوغداشنى ئ‍ويلايتتىڭ،بۇنىڭ ئ‍ۈچۈن قەپەز ئ‍ىچىدە يېنىمىزدا بولمىقىڭ زۆرۈر ئ‍ىدى.ئەممائ‍ەسلى ماھىيتىڭدىكى كۆك يېرىپ پەرۋاز قىلش ئ‍ارزۇيۇڭ ھامان دىلىڭغا ھۆكۈمىران ئ‍ىدى.قەپەز ئ‍ەتىراپىدا بىزگە ھەسەت قىلىدىغان ،ياكى بىزنى بىر ۋاقىلىق مەززىلك غىزاسىغا ئ‍ايلاندۇرماقچى بولغان ئ‍وغىرى مۈشۈكلەر ھەرزامان تىمسىقلاپ ،خىرس قىلىپ يۈرەتتى.مۈشۈك خىرىس قىلاتتى،مەن پەرۋا قىلمايتتىم،چۈنكى ئ‍ۇقانچە قىلسىمۇ بىزنىڭ پۇلات قەپەزنى بۇزالمايتتى ،كىرەلمەيتتى،ئەكىسچە باچكىلىرمىزغا ئ‍ۆزىنىڭ نەقەدەر پەس،ياۋۇزلۇقىنى،ئاجىزلىقىنى،قەپىزىمىزنىڭ تۇلىمۇ ئ‍ىللىق ھەم بىخەتەرلىكىنى ھىس قىلدۇرۇپ تۇراتتى. لىكىن سەن ئ‍ۇنداق قىلالمىدىڭ،مۈشۈك ھەر خىرس قىلغان چېغىدائۆزۈڭنى قەپەز تۈمۈرلىرىگە ئ‍ۇرۇپ ئ‍ۇنى قورقۇتماقچى ،باللىرىڭغا ھەقىقى ئ‍ەركەكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويماقچى بولدۇڭ .قاناتلىرىڭ سۇندى،تۇمشۇقۇڭ،بەدەنلىرىڭ يارلىنىپ تتىما -تتىما بولۇپ كەتتى. بىز سەندىن ئ‍ۆتۈندۇق،ئۆزۈڭنى قىينماسلقىڭنى، بەدنىڭنى يارلاندۇرماسلىقڭنى،قەپىزىمىزنى بۇزماسلىقڭنى ئ‍ۆتۈندۇق. راسلا ؛قىلچەزۆرۆرىيتى يوق ئ‍ىدى.بىز ئ‍ۇ مۈشۈكلەرنى پۇختا قەپىزمىز بىلەن،بىخەتەرلىكىمىز بىلەن ،سوغۇق كۈلۈپ قويۇشىمىز بىلەن ،بەختىمىز بىلەنلا يېڭىۋىتەلەيتتۇق. ئ‍ەپسۇس !باتۇر كەپتىرىم،سەندە جاسارەت بولغان بىلەن پاراسەت يوقكەن،باتۇرلۇق بولغان بىلەن چىدامچانلىق يوقكەن،ئاقىۋەت ئ‍ۆزۈڭنى ھالاك قىلپ، قەپەزنى بۇزۇپ ئ‍ىرشىدىغنىڭ بىچارە باچكىلىرمىزنىڭ دۈشمەنلەر تەرپىدىن خارلىنشى بولۇپ قالماسمۇ؟بولدى ئەمدى ئۆز مەيلىڭگە قويۇپ بىرەي سىنى تۇتۇۋالغۇم يوق ، قەپەز ئىشكىنى ئېچىۋەتتىم،ئەگەر سەن شۇ ئەركىن ئۇچۇشۇڭ بىلەن بەختىڭنى تاپالىساڭلا مەن باچكىلىرىمنى باغرىمغا چىڭ بىسىپ جىنىم بىلەن ئۇلارنى قوغداپ بىر تىنىق نەپىسىم قالغۇچە دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇشقا رازى، ئامان بول ياۋايى باتۇر، بەلكىم بىز ھەقىقەتەن ماس كەلمەيدىغاندىمىز، بەلكىم مەن ساڭا لايىق كەلمەيدىغاندىمەن. ساڭىمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش كۆك قەھرىنى يېرىپ پەرۋاز قىلالايدىغان، يۈگىنڭنى تۇتۇپ ياخشى يول تەرەپكە باشلىيالايدىغان بىرەرسى ئۇچراپ قالسا ئەشۇ كىشىگە چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولغان،ھەم رەھمەت ئېيتقان بولاتتىم. بۈگۈنكى كىچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزۈش قارارىغا كەلدىم،چۈنكى ئەتە ھېيىت ،قانداقمۇ ئۇيقۇم كەلسۇن ئەي نامەرىت،ۋىجدانسىز ئەبلەخ؟ يۈرىكۈمنى لەختە-لەختە قانغا تولدۇردۇڭ، جىسمىم ئاناملارنىڭ ئۆيىدە بولسىمۇ، گەرچە شۇنچە پەرۋاسىز ھالەتكە كىرۋالغان بولساممۇ كۆزۈمگە قارىغانلىكى ئادەم ھىس قىلالايدىغان دەرتلىرىم ھېچ ئارامىمدا ياشىغلى قويمايۋاتىدۇ، سەندىن نەپرەتلىنىمەن، ئورۇنسىز تۆھمەت چاپلىغنىڭ ئۈچۈن ،ساداقىتمگە ئىشەنمىگىنىڭ ئۈچۈن،مەسئۇلىيەتچان بولمىغنىڭ ئۈچۈن،بالىلىرىمدىن ئايرىغىنىڭ ئۈچۈن، يەنە مىنى يېرىم يولدا تاشلىغنىڭ ئۈچۈن… تۈنۈگۈن خەت كىرگۈزۈپ، يارشىپ قالايلى دەپ ئېيتىپسەن، مەن يەنە ساڭا ئىشىنەرمەنمۇ؟ مىنى چۈشەنمىدىڭ ،چۈشەنمەيسەن دەيسەن، ئەسلى سەن مىنى چۈشەنمىدىڭ، توي قىلغىنمىزغا ئون ئۈچ يىل بولدى، ئون ئۈچ يىل … ئىككى سائەت ھەمراھ بولغان سەپەردىشمىزنىمۇ مەنزىلگە يەتكۈچە خېلى چۈشىنىپ قالمىزغۇ ئاخىر، سىنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئۇ دىگەنلىرىڭمۇ يالغان گەپ ئەمەس، سەندە ئىككى يۈز بار،بىر يۈزۈڭدە مەرتلىك، ۋاپادارلىق، ئەركەكلىك،ئەقىل…يەنە بىر يۈزۈڭدە شەخسىيەتچىلك، ئويۇن،كەيىپ، گۇمان…لار بار.مەيلى ئىختىيار ،قايسسى سەن ئۈچۈن ياخشى بولسا شۇنى قىلغىن. ئەمما ماڭا قۇرۇق ئىمىزگە سېلىپ ئۈمىد بەرمىگىن، مەن سەن ئېيتقاندەك سەندىن ياخشىسنى تاپماقچى ئەمەس، ھەم ماڭا سەندىن ياخشىسمۇ چىقماس بەلكىم. بۇ ئۆيگە يېنىپ چىقارمەن دەپ پەقەت خىيالمىغا كەلتۈرمەپتىكەنمەن. بىچارە يالغۇزغىنە ئانامنىڭ ھىلىمۇ دەردى ئۆزىگە يىتىپ ئاشاتتى. ئۇكۈنى بەكلا مەس بولۇپ كىتپسەن، كۈندۈز بولغاچقا خوشنىلاردىن سەل خىجىل بولدۇم،چۈنكى سەن بۇ ئائىلىنىڭ يۈز-ئابرۇيى، كىرىپلا قالايمىقان سۆزلەشكە باشلىدىڭ. ئېغىزىڭدىن چىققان گەپلەرگە چىداپ تۇرۇش مومكىن ئەمەس ئىدى، ئاخىرى ئەلەمگە-ھاقارەتكە چىدىمىغان ئانىمىز ساڭا ئېتىلىپ كەلدى، مەن نە سىنى نە ئانىمىزنى باشقۇرۇپ بولالمايلا قالغانتىم.ئانام روجەك تۈۋدىكى كونا سۈپۈرگە بىلەن سىنى بىرنەچچىنى ئۇرۋىدى،سەنمۇ ئانىمىزنىڭ بىلىگە دەسسىۋەتتىڭ.ئانا ئەمەسمۇ؟ناۋادا بالىلىرىمىز ماڭا شۇنداق قىلسا قاراپ تۇردىغان ئوخشىمامسەن، ؟ ئىسىت سىنى بالىلىرىمغا دادا قىلىپ تاللىغىنىم،باشتىلا خاتالىشىپتىكەنمەن.پۈتۈن جاھان قىستىسىمۇ ئۆز ھۆكۈمۈم بويىچە ياق دەپ تۇرۋالغان بولسامچۇ كاشكى! نىرۋام قىرىققا چقىپ بىلكىڭدىن قاماللاپ ،دۆشكەلەپ ئۆي تەرەپكە تارتقىنمىنى بىلىمەن، سەن ئىتنىڭ بالىسى نىمە دىمەكچى دەپلا قوغلاپلا كەتتىڭ، قولۇڭدا بىر پارچە خىش ئارقامدىن ئاتاتتىڭ، مەن قېچىپ-قېچىپ يولغا چىقىپ قاپتىمەن، خىشنىڭ پاچىقىمغا تىگىشى بىلەن ۋاي ۋايلاپ ئىڭىشپلا قالدىم ،ئەمما سەن ھېچ بولدى قىلاي دىمەيتتىڭ، بۇ قېتىم ماڭا راسلا ھار كەلدى، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ شۇنداق قىلىپ مەن يېنىپ چىقتىم ،ھەئە سەندىن پۈتۈنلەي ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم. ئىسىت بالىلىرىم شۇكەمدە بوينۇڭلارنى قىسىپ دادام قاياقتىن مەس كىردىغاندۇ ؟يەنە نىمە ئىشلارنى تېرىيدىغاندۇ دەپ قورقۇمسىراپ ياتامدىغانسىلە، ياكى دادام كىرگۈچە بالدۇرراق بىردەم ئۇخلىۋالايلى دەپ ئۇخلاپ قالغانسىلەمۇ؟ھىلىمۇ ياخشى سەلىمەنمۇ بولسا ئېلىۋاپتىكەنمەن. ئاھ بالىلىرىم! ھەراس ،مىھمانخانا ئۆيدىكى كىيىم ئىشكابىدا ،كۈلرەڭ كاستىيۇمىڭنىڭ ئاستىدا بىر قۇتا ئىسىل ھاراق بار، ئەسلى بۈگۈن شۇ ھاراقنى سەن بىلەن بىللە ئىچىپ باقماقچى،ھاراق دىگەننىڭ زادى قانچىلك كۈچى بارلقنى بىلىپ باقماقچى ئىدىم،پۇرسەت بولماي قالدى، بەلكىم ئەمدى مەڭگۈ كەلمەس . ئال !سەن شۇنىڭغا ئامراق ئەمەسمۇ؟ ئايرىلىش سوۋغام بولۇپ قالسۇن. خەيىر ئامان بول، ئەمما شۇنى چىڭ ئىسڭدە تۇتقىنكى بالىلىرىمنى ھامىنى قايتۇرۋالىمەن.

مىۋە سىقىش ماشىنسغا سېلىپ،

سىقىۋەتسەم نىرۋامنى شۇتاپ.

سىرغىپ چىقسا سەن بار خاتىرە،

كۆمۈپ قويسام تاغقا ئاۋايلاپ.


ئۈنۈپ چىقسا بىرتۈپ ئاق يانتاق،

ئۆتسە ئۆمرۈم زوقلىنىپ قاراپ.

يامغۇر بولسام پەقەت بىر تامچە،

تۇپرىقىڭغا كەتسەمكەن تاراپ.


ھەئە

ئازابىمنى ئېلىپ مەن كىتەي،

تەقدىر ئاتلىق بوغچامغا تېڭىپ.

ئال ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭگە بىرەي،

قالار بەلكىم كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ.


ھەئە…

دەرتلىرىمنى يۈدۈپ مەن كىتەي،

مۇرادىڭغا قالارسەن يىتىپ.

ئەسلىمنى بىللە ئەپ كىتەي ،

قالغىن بەخىت ناخشسى ئېيتىپ.


ھەئە

بېغىمىزدىن ئەمدى مەن كىتەي،

گۇلزارلىقنى ساڭا قالدۇرۇپ.

ئاخىرقى رەت شۇنى ئۆتۈنەي،

غورىلارنى قويما ئۈششۈتۈپ.


ياق،ياق،،،ياق

كىتەلمەيمەيمەن كىتەي قانداقمۇ،

بولماي تېخى ئۈرۈكۈم غورا.

يارىلانغان مىسكىن دىلىمغا،

ئاھ شۇلارلا ئۈنۈملۈك دورا.


ياق ياق ياق،

كىتەلمەيمەن كىتەي قانداقمۇ،

قەدەم تۇرسا تاشقا باغلاقلىق.

شۇ ئىسڭدە بولسۇن ئامرىغىم،

سەن ھەم مەنسىز بەخىتمۇ چاغلىق.

كىتەلمىدىم ،كىچەلمىدىم ھېچ،

يوللار ئۇزاق ئۈمىد بىر غېرىچ……

2013. يىلى، دىكابىردىكى ئازاب كىچسى


قەيسەرنىڭ يەنە غۇژژىدە ئاچچقى كىلىپ، خاتىرنى تاشلاپ قويۇپ، موخۇركا ئوراشقا باشلىدى. ھەيرانمەن، ئەركەكلىرىمىز تاماكنى شۇنچە چوڭ بىلىپ ئاشىق بولۇپ قالغاندەك قانماي-قانماي شوراپ كىتدىكەن، بالىلىرىغا، سۆيگەن گۈلىگە خەجلەشكە قىيمىغان پۇلنى ھاراق سېتۋېلىشقا تۇتاملاپ خەجلىيەلەيدىكەن. مەرتلكىمىش، ئەركەكلىكمىش، دەرىت تۈگىتەرمىش …قۇرۇپ كەتسۇن شۇ سەپسەتىسى، مەن تا ھازىرغىچە كەيىپ ساپانىڭ دەرىت يوقاتقىننى كۆرمىدىمكى ، ھەسسىلەپ باش ئاغرىقى، دەرىت تاپقىنىنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىۋاتىمەن. ناۋادا شۇ ئويۇن تاماشىغا قاتنىغان ۋاقتىنى خوتۇنىغا ئاجراتقان بولسا ، ناۋادا شۇ پۇلغا بالىسىغا بىرتال سىناق ئىمتاھان سۇئالى، ياكى ئىبرەتلىك چۆچەك ئېلىپ بەرگەن بولسا بەلكىم تەقدىرى باشقىچىراق ئۆزگىرىپ قالار بولغىيدى! ئۇ بار ئەلەمنى تاماكا بىلەنلا يۈتىۋتىدىغاندەك كۈچەپ شوراپمۇ يەنە ئىچىنىڭ بىريەرلىرىدىكى يېرىمچىلقنى تولغۇزالمىدى. مەشكە لىققىدە مەدەك قاچىلىۋتىپ،تىلفۇنىنىڭ چىرغىنى يورۇتۇپ مھمانخانا ئۆيگە چىقىپ،پۇت قويغۇدەك ئورۇن تاپالمىغان قەيسەر قەشقەردىكى ئاتۇش بازىرىغا كەپ قالدىممۇ نىمە؟دەپ غودىراپ قويدى. ئۆي ھەقىقەتەن بىسەرەمجان ئىدى.

9-قىسىم

مىۋە سىقىش ماشىنسغا سېلىپ،
سىقىۋەتسەم نىرۋامنى شۇتاپ.
سىرغىپ چىقسا سەن بار خاتىرە،
كۆمۈپ قويسام تاغقا ئاۋايلاپ.

ئۈنۈپ چىقسا بىرتۈپ ئاق يانتاق،
ئۆتسە ئۆمرۈم زوقلىنىپ قاراپ.
يامغۇر بولسام پەقەت بىر تامچە،
تۇپرىقىڭغا كەتسەمكەن تاراپ.

ھەئە
ئازابىمنى ئېلىپ مەن كىتەي،
تەقدىر ئاتلىق بوغچامغا تېڭىپ.
ئال ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭگە بىرەي،
قالار بەلكىم كۆڭلۈڭ ئېچىلىپ.

ھەئە…
دەرتلىرىمنى يۈدۈپ مەن كىتەي،
مۇرادىڭغا قالارسەن يىتىپ.
ئەسلىمنى بىللە ئەپ كىتەي ،
قالغىن بەخىت ناخشسى ئېيتىپ.

ھەئە
بېغىمىزدىن ئەمدى مەن كىتەي،
گۇلزارلىقنى ساڭا قالدۇرۇپ.
ئاخىرقى رەت شۇنى ئۆتۈنەي،
غورىلارنى قويما ئۈششۈتۈپ.

ياق،ياق،،،ياق
كىتەلمەيمەيمەن كىتەي قانداقمۇ،
بولماي تېخى ئۈرۈكۈم غورا.
يارىلانغان مىسكىن دىلىمغا،
ئاھ شۇلارلا ئۈنۈملۈك دورا.

ياق ياق ياق،
كىتەلمەيمەن كىتەي قانداقمۇ،
قەدەم تۇرسا تاشقا باغلاقلىق.
شۇ ئىسڭدە بولسۇن ئامرىغىم،
سەن ھەم مەنسىز بەخىتمۇ چاغلىق.
كىتەلمىدىم ،كىچەلمىدىم ھېچ،
يوللار ئۇزاق ئۈمىد بىر غېرىچ……
2013. يىلى، دىكابىردىكى ئازاب كىچسى
قەيسەرنىڭ يەنە غۇژژىدە ئاچچقى كىلىپ، خاتىرنى تاشلاپ قويۇپ، موخۇركا ئوراشقا باشلىدى. ھەيرانمەن، ئەركەكلىرىمىز تاماكنى شۇنچە چوڭ بىلىپ ئاشىق بولۇپ قالغاندەك قانماي-قانماي شوراپ كىتدىكەن، بالىلىرىغا، سۆيگەن گۈلىگە خەجلەشكە قىيمىغان پۇلنى ھاراق سېتۋېلىشقا تۇتاملاپ خەجلىيەلەيدىكەن. مەرتلكىمىش، ئەركەكلىكمىش، دەرىت تۈگىتەرمىش …قۇرۇپ كەتسۇن شۇ سەپسەتىسى، مەن تا ھازىرغىچە كەيىپ ساپانىڭ دەرىت يوقاتقىننى كۆرمىدىمكى ، ھەسسىلەپ باش ئاغرىقى، دەرىت تاپقىنىنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىۋاتىمەن. ناۋادا شۇ ئويۇن تاماشىغا قاتنىغان ۋاقتىنى خوتۇنىغا ئاجراتقان بولسا ، ناۋادا شۇ پۇلغا بالىسىغا بىرتال سىناق ئىمتاھان سۇئالى، ياكى ئىبرەتلىك چۆچەك ئېلىپ بەرگەن بولسا بەلكىم تەقدىرى باشقىچىراق ئۆزگىرىپ قالار بولغىيدى! ئۇ بار ئەلەمنى تاماكا بىلەنلا يۈتىۋتىدىغاندەك كۈچەپ شوراپمۇ يەنە ئىچىنىڭ بىريەرلىرىدىكى يېرىمچىلقنى تولغۇزالمىدى. مەشكە لىققىدە مەدەك قاچىلىۋتىپ،تىلفۇنىنىڭ چىرغىنى يورۇتۇپ مھمانخانا ئۆيگە چىقىپ،پۇت قويغۇدەك ئورۇن تاپالمىغان قەيسەر قەشقەردىكى ئاتۇش بازىرىغا كەپ قالدىممۇ نىمە؟دەپ غودىراپ قويدى. ئۆي ھەقىقەتەن بىسەرەمجان ئىدى ،ئەينى ۋاقىتتا تەڭتۇشلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقىنتىۋەتكەن قىپقىزىل ئوتقاشتەك خوتەن گىلىمى ئۈستىگە قالايمىقان توپا ئىزلار بېسىلغان، ھەممىلا يەرنى رەتسىز چېچىلغان كىيىم -كىچەكلەر قاپلىغان.ئارسىدا ھەتتا ئاياغلارمۇ باردەك قىلاتتى.ئىپار ئامراق نەچچە پارچە توم كىتاپ مىنى قۇتقۇزىۋال دىگەندەك خىش ئۈستنى باغاشلاپ تۇراتتى. ئۇ ئاستا كىيملەردىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ھېلقى كىتاپتىن بىرنى ئالدى. ،،كۆڭۈل تىنغان كېچە،، يەنە بىرنى ئالقىنى بىلەن يەڭگىل ئۇرۇپ قېقىپ ماۋزۇسىنى كۆردى،ئۇپۇقتىكى ئىز،،قىرىق كېچە،، ،،كىرورەنلىك بالىلار،،،قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ،،،،تالانتىلق بالىلار قانداق تەربىيەلىنىدۇ،،،ياخشىلارغا ناخشىلار تولا،،،،ۋاي ئىسىت ئون بەش چۈجەم،،……كۆرۈڭ بۇنىڭ كىچىك بالىدەك ئوقۇيدىغان كىتاپلىرىنى، ساپلا ئاقماس ھىكايىلاركەنغۇ؟ بىرسى تۇتسا چىرايى ئۆڭۈپ كىتدىغان، ئەتىۋارلاپ قۇچاقلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالىدىغان كىتاپلىرى مۇشۇكەندە، ئۇنىڭ خىيال كەپتىرى ئىپار بىلەن يېڭى توي قىلغان چاغلارغا ئۇچۇپ كەتتى، ھۇجرا ئۆينىڭ چىرىقى كۆپىنچە ھاللاردا تاڭ ئاتقۇچە يۇرتۇغلۇق تۇرۇپ قالاتتى،ئىپار كىتاپقا ئامراق بولغاچقا قەيسەر كىتاپقا ئۆچلۈك قىلىپ گەپ تالىشىپ كىتەتتى. -كىتاپ ئوقۇغاننىڭ نىمە پايدىسى با، -كىتاپ ئوقۇغان ئادەمنىڭ كاللىسى سەگەك تۇرىدۇ، -ئىشەنمەيمەن، ئەمىسە سىز كىتاپنى ئوقۇپ بولۇپ ئەتىسى كەچكىچە گاراڭ ئادەمدەك بوپقالىسىزغۇ؟ئا يەردە توۋلىسا مايەردە ھە دەپ، -مەن…مەن كىتاپقا چۇڭقۇر كىرىپ كەتكەچكە پىرسۇناژلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ،ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ خىيالغا چۆكۈپ كىتىدىكەنمەن. -مانا ،مانا ساراڭلىقنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى، يۇقارقى مەھەلىدىكى ساتتاركامدەك بىرگەپنى ئۇدا مانچە كۈن تەكرارلاپ ئاندىن شۇ خەت يېزىلغان قەغەزنى يەۋەتسە ئۇچالايدىغان بولىدىكەن دەپ ئۆگزىدىن سەكرەپ ئىش تېپىپ يۈرمەڭ يەنە، شۇ ئادەممۇ ساپساق ئادەمتى، بىركىتاپنى ئوقۇپ مانا ئەمدى ھوشۇقى سۇنۇپ ياتقىلى نەۋاخ، -راسما، شۇنداقمۇ قىلغان بامۇ؟ئۇ دىگەن چۆچەك تۇرسا، -ئىشقىلىپ ياخشى نەرسە ئەمەس، -سىز ئوقۇپ باقمىغاندىكىن بىلمەيسىز، مۇشۇنداق گەپلەر تولا تەكرارلانغاچقا ئىپار ئۇنىڭغا بىرتال چۆچەك كىتاپنى ئوقۇپ بەرگەنتى باشتا ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ قارىمىغان قەيسەر كىيىنچە ھە داۋامىچۇ خۇتۇن ئوقۇۋىتڭلا ئاز قالدى دەپ ئىپارنى ئۇخلاتمايدىغان بولغان. بەزىدە ئىپار ئوقۇۋېتىپ مۈگدەپ ئۆزىچە بىرنىمىلەرنى دەپ جۆيلۈپمۇ كۈلكىگىمۇ قالغان، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ھەي ئەسلىدە شۇنداق رايىش، ساددا، ئۇماق قىز ئىدى،مەن ئۇنى قۇپال، ھىسىياتسىز قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتتىم. قەيسەر شۇلارنى ئويلىغاچ ئىشكاپ ئىچىنى ئاختۇرۇپ، كۈلرەڭ كاستىيۇمى ئاستىدىن سۈزۈك قۇتىلىق ،ئىسىل ھاراقنى تېپىۋالدى،ئۇ ئىشكابقا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى جېنىغا ئىكەك سېلىپ ،تەنلىرىنى ئېچىرقاتقان بۇ گۈزەل جاناننى بۇرنىغا يېقىن ئەكلىپ ھىدلاپ ،لەۋلىرىگە يەڭگىل تەككۈزدى.مۇزدەك پوتۇلكا ئۇنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىگە باشقىچە ئىللق سىزىم بەرگەندەك بولدى. قەيسەر ئىرغىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشكابنىڭ قاچا-قۇچا سالىدىغان تارتمىسىدىن بىرتال پىيالە ئالدى، بۇ ھاراق پۇلى قىممەتراق ھاراق بولغاچقا ئۇ ئىچىپ باقمىغلى خېلى بولغان ئىدى. چۈنكى پاختا تىجارىتى مەغلۇپ بولۇپ، ھەم ئائىلسى تىنىچ بولمىغان قەيسەرنىڭ ئىقتىسادى ئېغىر دەرىجدە چېكىنىپ كەتتى. مۇشۇ يىللاردا تەقدىر ئۇنىڭغا زادى ئوڭ كۆزىدە باقمايدىغاندەك ،بەخىت ،شان شۆھرەت، بايلىق ئۇنىڭغا قېيداپ قالغاندەك ھېچ ئىشى ئىلگىرى باسمىدى.ئۆيدىكى تىراكتۇرنى، زىرائەتنىڭ بىر يىللق ھوسۇلنى سېتىپ يەنە بانكىدىن قەرىز ئېلىپ تېرىچىلككە قايتىدىن سالغان دەسمايىسى ،تېرە باھاسىنىڭ بىراقلا چۈشۈپ كىتشى بىلەن ،شامالغا سورۇلغان قۇمدەك بىريولىلا سورۇلۇپ تۈگىدى. تېخى ئۇنى ئاز دەپ ئۇيىلى قەيسەرنىڭ موتىسكىلتتىن يىقىلپ دوختۇرغا كىرىپ قالغىنى، ناۋادا ئىپار تويلۇق ئالتۇنلىرىنى سېتىپ،ئانىسدىن قەرىز ئېلىپ داۋالاتمىغان بولسا قەيسەرمۇ بۇ كەمدە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بولاتتى.پۇتىنىڭ پىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئىشنى ئويلاپ ،تىنى شۈركۈنۈپ سول پۇتىنى مېھىر بىلەن سىلاپ قويدى. شۇۋاقتتا ئىپاردىن باشقا ئادەم بولغان بولسا يا جاپاغا يىقلىپ قالغان ياكى ئۆزۈڭ تاپقان بالا بولغاندىكىن دەپ ئانچە ئىرەنشىمەس بولغىيتى.لىكىن بىچارە ئىپار بالىنى قولتۇقلاپ يۈرۈپ قەيسەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، بالىلارنى مەكتەپكە ئاپىرىپ -ئەكىلىش ،ئېتز ئشلىرىنى ئەل قاتارى تۈگىتىش، قاتمۇ-قات ئىقتىسادى بېسىملارنى قەيسەرگە چاندۇرماي بىرتەرەپ قىلىش، قاتارلىق ئىشلار ئۇنىڭ شامالدا ئۇچۇپ كەتكۈدەك ئۇرۇق گەۋدىسنى تۈگمەن تېشىدەك بېسىپ تۇراتتى، قەيسەر ئۇنىڭ شۇ كۈنلەردە بىرەر قېتىممۇ قاقشاپ باققىنىنى ئىسىگە ئالالمىدى، ئەكىسچە ئىلگىركىدىنمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،قەيسەرنى سەل خىجىل قىلىپ قويغان ئىدى، قەيسەر ئۆينىڭ توكنى ياندۇرۇپ ،كىيىم-كىچەكلەرنى رەتلەشكە تۇتۇندى ،كىر كىيملەرنى بىرتەرەپكە، يازلىق كىيملەرنى بىر تەرەپكە، ھەر بىر بالىنىڭ كىيملىرىنى يەنە ئايرىمدىن ئايرىپ، بالىلارنىڭكنى ئۆز ئشكابىلىرىغا سېلىۋتىپ، كىر كىيملەرنى كىرئالغۇغا تىقىۋەتتى.ئاندىن يازلىق كىيملەرنى ئىپارنىڭ چوڭ ساندۇقىغا قاچىلاپ ئۆينىڭ خېلى رەتلىنىپ قالغانلىقنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېچلىپ قالدى. ئۇ پوتۇلكىنى بىر قولىدا ،پىيالىنى بىر قولىدا كۆتۈرۈپ ،بالىلار ياتقان ئۆيگە چىقتى. ئۆي ئىچى خېلىلا ئىللىق بولۇپ توڭلاپ كەتكەن قەيسەر مەشكە ئوتۇن لىقلاپ قويۇپ،پوتۇلكىنىڭ ئېغىزنى ئاچتى.باشقىلار ئۈچۈن قاڭسىق،قەيسەر ئۈچۈن ئەنبەر پۇرايدىغان بۇ پۇراق ئۇنىڭ پۈتۈن سەزگۈسىنى غىدىقلاشقا باشلىدى. بۇرنىغا يېقىن ئەكىلىپ چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ يېنشلاپ پۇراپ كەتتى،ئاھ دەۋەتتى ئۇ كۆزلىرىنى يېرىم يۇمۇپ، بىر پوتۇلكا ھاراققا ئايلىنىپ قالغان بولسام ھە،ئىپارنىڭ شۇ گىپى ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەڭگىل شىۋىرلانغاندەك بولدى.قانداق دەيسەن سورىدى ئۇ خىيالەن، مىنىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرەتتىڭىز، مەندىن گۇمانلانمايلا دەردىڭىزنى تۆكەتتىڭىز،ئەڭ يېقىن ئاشىقڭىز بولاتتىمدە ئۇچاغدا، مەن ئۈچۈن ھەرقانداق ئشنى قىلاتتىڭىز، -ھىلىمۇ سىنىڭ نىمەڭنى كەم قىلدىم،بەك دۆلەت كۆرگۈڭ بولسا ساڭا رۇخسەت، دۆلەت كۆرسىتدىغاننى ،بەخىتلك قىلىدىغاننى تاپساڭ بولىدۇ، -مىنىڭ بەختىم سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا دىدىمغۇ؟ -ئەمىسە نىمىگە يامانلاپ ئاناڭنىڭ ئۆيىگە چىقىۋالىسەن،؟ھەممە ئشلار ئۆتۈپ كىتىدۇ، مەنمۇ تۈزۈلۈپ كىتمەن،ئاز قالدى دىدىمغۇ، -مەن سىزنىڭ ياخشىلنىۋاتقانلىقڭىزنى پەقەت ھىس قىلمىدىم، ھەتتا پۇتىڭىزنىڭ شۇنچىۋالا ئاغرىشلىرىمۇ پەرۋايڭىزغا كەلمىدى؟ بالا،ئۆي دىگەننىغۇ ئەسلا ئويلىمىدىڭىز،نىمە دەردىڭىز بار شۇنچە قىلغۇدەك، دەردىڭىزنىڭ سەۋەبكارى مەن بولسام كەچۈرۈڭ ئۆز يولىمىزغا ماڭايلى، -ياق ،بولمايدۇ، نىمە دىسەڭ شۇ بولسۇن،يېنىمدا بولغىن. -ئۇنداقتا بۈگۈندىن باشلاپ بىر يۇتۇممۇ ھاراق ئچمەيسىز! قىلالامسىز؟شۇندىلا مەن مەڭگۈ يېنىڭىزدا… قەيسەر ئويلاپ شۇيەرگە كەلگەندە ،ئىپار ھىلىلا قېچىپ كىتىدىغاندەك پوتۇلكا ئېغىزنى چەبدەسلىك بىلەن ئەتتى دە،لىككىدە ئورنىدىن تۇرۇپ ھويلىغا چىقتى.كائىنات توڭلاپ قالغاندەك جىمجىت بولۇپ قار دانچىلىرى خېلىلا يوغان ھەم ئىلدام چۈشمەكتە ئىدى.ئۇ بېشىنى ئاسمانغا قارتىپ ئۇزاق تۇردى، بۇغۇزىدىن قاپسىلىپ كىلىۋاتقان ئاچچىق بىر ئازاپ كۆزىدىن كىرستال سويۇقلۇققا ئايلىنىپ مەڭزىنى بويلاپ بويۇنلىرىغا سىڭمەكتە ئىدى. -مەن ئىچمىدىم ئىپار ،نەدە سەن، قىرىق كۈن بولاي دىدى، بىر يۇتۇممۇ ئىچىپ باقمىدىم،سىنى يېنىمغا قايتىپ كىلەمدىكىن دەپ…لىكىن كەلمىدىڭ نىمشقا جېنىم؟ئىلگىرى مەن ۋەدەمدە تۇرمىغانلقىم ئۈچۈن سەنمۇ ۋەدەڭدە تۇرمامسەن؟ئىپارىم جېنىم سەن نەدە؟ ئەركەكنىڭ چىن يۈرىكدىن چىققان تامچە يېشى ئۈچۈن ،زىمىن تىترەپ كەتسە بولاتتى،ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس …قەيسەرنىڭ تۈمەن تامچە پۇشايمان يېشى ئۈچۈن ئىپارمۇ ،زىمىنمۇ قىلچە پەرۋا قىلمىدى. ئەي ھايات ،ئەگىر- توقايلىقىڭ، جىمى ياخشىلىق ۋە ناكەسلكنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بىرەلىگنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ سۈيۈملۈكسەن! ساپما ئاياغ قارغا كۆمۈلۈپ كىتەي دىگەندىلا يىغسى توختىغان قەيسەر قولاشمىغان قوللىرى بىلەن يۈزىنى سۈرتۈپ ئۆيگە قايتىپ كىردى.ئۇنى پوتۇلكىدىكى ھاراق مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك سوغوق كۈلۈپ، خاتىرە مەيۈس بېقىپ قارشى ئالدى.بالىلار شۇقەدەر قاتتىق ئۇخلىغان ئىدىكى جىمى ئالەم بىلەن،دەرىت-ھەسرەت بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوقتەك،ئەمما سەبى چىرايلاردىن يەنىلا بىرخىل غەمكىنلكنىڭ سايىسى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. قەيسەر خاتىرىنى قولىغا ئېلىپ ئۇزاق تۇرۇپ كەتكەندىن كىيىن، بىر ئۇھ تارتىۋىتىپ ئوقۇشقا باشلىدى. :مەن ئۆزگەردىم. كۆڭلۈم تارتمىغان ئىشلارغا بەك ئۆزۈمنى ئۇرمايدىغان بولدۇم.سۆيۈلگەندە ، بەخىتتىن ھوزۇرلىنىشنى.يالغۇز قالغاندا يالغۇزلۇقتىن بەھرلىنىشنى ئۆگەندىم.كۆزۈمگە سىغمايدىغان ئىشلارنى كۆرمەسكە سېلىشنى.كۆڭۈل ئاغرىتىدىغان كىشىلەردىن يىراق يۈرۈشنى،ھەركىمنىڭ قىلغىنىغا لايىق مۇئامىلە قىلىشنى.ئۆگەندىم. مانا بۇ ماڭا تۇرمۇشنىڭ قىلغان سوۋغىسى. ئىپاربانۇ بۈگۈن2014.يىلى دىكابىرنىڭ 31-كىچىسى. يەنە ئىككى سائەتتىن كىيىنلا يېڭى يىل يەنى 2015-يىل كىرىدۇ. كەنىت كومتىتىنىڭ كانىيدىن چىقىۋاتقان شوخ مۇزىكىلار پۈتۈن كەنت ئاسمىننى بېشىغا كىيىپ، يېڭى يىللق يىغلىشقا قاتناشقانلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ قانچىلك يۇقىرى ئىكەنلكىنى جاكارلاپ تۇرۇپتۇ. شۇتاپتا كۆڭلۈم گىژلداپ قايناۋاتقان چەينەكتەك تولىمۇ غېرىپ ۋە مىسكىن. بالىلىرىم ئۆز چۈشلىردىكى ئالۋاستىلار بىلەن ئېلىشىپ ،ياكى ئاسماندا ئۇچۇپ بولالماي ئاۋارە. شۇنچە كەڭرى ئالەمدە بۈگۈن كىچە يالغۇزمەن يالغۇز… يولدىشىم يېڭى يىلنى تەبرىكلىگلى چىقىپ كەتتى.مىيقىمدا كۈلۈپ قويدۇم، بۇ كىشىلەر نىمانچە ئەخمەق ھە، ئۆزىنىڭ يەنە بىر ياش قېرىغانلقىنى تەبرىكلەمدىغاندۇ ياكى شۇ يەنە بىر يىلدا قىلماقچى بولغان بىمەنە ئويلىرىدىن شاتلىنامدىغاندۇ؟ مىنىڭ يېڭى يىلنى پەقەت تەبرىكلىگۈم يوق ، كۆزۈم قىيمىغان ھالدا كونا يىلنىڭ دەرۋازىسغا چىڭ ئېسىلىپ بارلىق كىشىلەرنى ئۇزىتىپ قېلىۋاتىمەن. ۋاقىت ئىختىيارىمغا بويسۇنسا ئىدى، 2014-يىلنىڭ كۈز مەۋسۇمىدا ئانام بىلەن دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزگەن چاغلارغا يامىشۋېلىپ قۇيۇپ بەرمىسەم، ھېشنىمنى ،ھېچكىمنى ئويلىماي ئانام ئىككىمىزنىڭلا دۇنياسىدا ياشىسام…ئانام ماڭا ،مەن ئانامغا قانسام ،بارچە ،بارچىلەر ئۇنتۇلۇنۇپ كەتسە… نە بىر ناخشا بولسۇن يارغا ئاتالغان ماڭا ئانامنى ئەسلىتىدۇ، نە بىر مۇزىكا بولسۇن كىملەر قانداق ھىسياتتا ئورۇنلىغان ،مىنىڭ ھىجران سىمفونىيەرىم بولۇپ قالىدۇ. نە بىر قۇشلار سايرىغاي جۈپتى ياكى پەرزەنتى ئۈچۈن قۇلىقىمغا ئانامنىڭ ئۈنىدەك ئاڭلىنىدۇ. جېنىم ئانا سىنى بەك،بەك سېغىندىم. كىچسى چۈشۈمدە سەن ئىسمڭنى چاقىرىپ چۆچۈپ ئويغىنمەن، كۈندۈزى خىيالىمدا سەن، سەھەرلەر ئسمىڭنى نىدا قىلىش بىلەن باشلانسا كىچىلەر نۇرلۇق سىمايڭنى ئويلاش بىلەن تاڭغا ئۇلىشىدۇ.

10-قىسىم

10-قىسىم نە بىر ناخشا بولسۇن يارغا ئاتالغان ماڭا ئانامنى ئەسلىتىدۇ، نە بىر مۇزىكا بولسۇن كىملەر قانداق ھىسياتتا ئورۇنلىغان،مىنىڭ ھىجران سىمفونىيەرىم بولۇپ قالىدۇ. نە بىر قۇشلار سايرىغاي جۈپتى ياكى پەرزەنتى ئۈچۈن قۇلىقىمغا ئانامنىڭ ئۈنىدەك ئاڭلىنىدۇ. جېنىم ئانا سىنى بەك،بەك سېغىندىم.كىچسى چۈشۈمدە سەن ئىسمڭنى چاقىرىپ چۆچۈپ ئويغىنمەن، كۈندۈزى خىيالىمدا سەن، سەھەرلەر ئسمىڭنى نىدا قىلىش بىلەن باشلانسا كىچىلەر نۇرلۇق سىمايڭنى ئويلاش بىلەن تاڭغا ئۇلىشىدۇ. مەيلى يولدىشىم بولسۇن ، مەيلى ئەڭ، ئەڭ چىدىمايدىغان بالىلىرىم بولسۇن سىنىڭ ئوتۇڭنى مىسقال باسالمىدى. شۇنچە كۆپ قۇربانلىقلارنى بەرگەن ئىدىڭ ئانا ، پەرزەنتىم دەپ ئاخىرقى تىنىقڭغىچە بىزنىلا ئويلىغان ئىدىڭ. بىز نىمە قىلىپ بىرەلىدۇق ، مەن نىمە قىلىپ بەردىم ئانا ئازاپ، جاپا، قورساق كۆپۈكىدىن باشقا ؟ شۇ دەقىقىدە ئۈزىڭىزنى چۈش كۆرۋاتقاندەك ھىس قىلىسىز. بۇ چۈش شۇنچە قاباھەت، شۇنچە دەھشەت.ئويغۇنۇشنى ئستەيسىز، تولغۇنىسىز،ئەمما ھېچ ئىمكان تاپالمايسىز. بۇ قەتئى قوبۇل قىلالمايدىغان رىئاللىقتىن چەتنىمەكچى بولغان نىرۋىڭىز قاراسلاپ، قانلىرىڭىز ئەسەبىيلىشىدۇ، شۇ كۈنى كۆرۈپ تۇرۇپ كور بولىسىز، ئىشەنمەيسىز!ئاڭلاپ تۇرۇپ گاس بولىسىز، ئاڭلىمايسىز، ئۇنىڭ ئىسمنى چاقىرسىز، ئۆزىڭىزگىلا خاس بولغان ھىسيات بىلەن، ئۆزىگىلا تەۋە بولغان سېزىمنى ئويغاتماقچى بولىسىز! بىراۋلار ياشلىرىڭىزنى سۈرتىدۇ، توختىتالمايدۇ. بىراۋلار چېكىڭىزنى ئۇۋلايدۇ، چۈشىڭىزدىن ئويغىتالمايدۇ. بىراۋلارقىززىق بىر پىيالە چاينى لىۋىڭىزگە تەڭلەيدۇ، ئىچكۈزەلمەيدۇ. توختايتتىڭىزمۇ؟ئۇ سىزنىڭ بارلىقڭىز تۇرسا! ئويغىناتتىڭىزمۇ؟پەي -مۇسكۇللىرىڭىز قېتىشىپ، تارتىشۋاتسا! چاي ئچەتتىڭىزمۇ؟ئۇنىڭ گېلىدىن ئۆتمىگەن، ئۇ تەشنا بولغان تۇرۇپ، مەھرۇم بولۇپ قالغان تۇرسا! سىز ھەممىدىن ۋاز كەچتىڭىز.ئۇ يىيەلمىگەننى يەپ نە قىلاي، ئۇ ئىچەلمىگەننى ئىچىپ نە قىلاي، ئۇمەھرۇم بولغان ھاۋادا تىنىپ، ئۇنىڭسىز ھاياتتا ياشاپ نەقىلاي دەپ ئويلىدىڭىز! بوغۇلۇپ بوغۇلۇپ بوزلاش، بوزلاپ بوزلاپ ئويلاش، ئويلاپ ئويلاپ يەنە بوغۇلۇپ بوزلاش ... سىز ھەممىدىن ۋاز كەچكىنڭىز بىلەن تەبىئەت قانۇنىيتى بىلەن داۋام ئەتتى. كىچە-غېرىپلارنىڭ پىنھانخانىسدۇر، ئويلىرىڭىز خىرامان، كۆزياشلار دەخلىسىز، تاڭ ئاتتى، ئۇنىڭسىز سەھەر بولۇشىغا ئىشەنمىسڭىزمۇ يەنىلا تاڭ ئاتتى. كۈنلىرىڭىز زۇلمەت ئىچىدە داۋام ئەتمەكتە، يېنىڭىزدىكى بارچە مەۋجۇتلۇق ئۇنىڭ يوقلىقى تۈپەيلى مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان ئىدى. شۇنداق بىر مۆرىگە مۇھتاج بولدىڭىز، يۈلەنگۈڭىز كەلدى، چۈنكى ماغدۇرسىزلانغان ئىدىڭىز. كۈتكەن مۆرە بار بولدى، ئەمما ئۇنىڭكىگە ئوخشىمدى.مۆرە تەڭلىگۈچىمۇ مۆرە تىلگۈچىمۇ ئوخشاشلا يارلاندى.سىز بىر ئەسەبىي ئۇششۇققا ئايلانغان ئىدىڭىز.خوش !سىزدىن سوراي كۆتۈرگۈدەك ئادىمىڭىز بارمۇ؟ روھىڭىز يوقالغان، سىز ئۇنىڭ ئىرادىسى ئۈچۈنلا ياشىغان كۈنلەر داۋام ئەتتى.
باھار كەلدى، سىزەلمىدىڭىز!
شادلىقلار بولدى، كۈلەلمىدىڭىز!
يا كەچكەن پېتى كەينىدىن كىتەلمىدىڭىز!
شۇنداق جاھان ئىكەن بۇ، نى ئىشلارغا كۆنىدىكەنمىز، نى ئارمان بىلەن نى بەخىتنى كۈتىدىكەنمىز، خۇددى تۈمەن يىل ياشايدىغاندەك تىرمىشىپ كىتدىكەنمىز.
يىغلىما يۈرۈكۈم ساڭمۇ باھار كىلەر
يا بىر يىل يا ئىككى يىل…
شۇنداق قىلىپ ئىككى سائەت توشۇپ، يېڭى يىلغا ھەسرەتلىرىم بىلەن قوشۇلۇپلا كىرىپ كىتپتىمەن. ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ ئانا يېنىڭغا كەتكۈم بار.مىنى بۇ يالغانچى دۇنيادىن ئېلىپ كەتكىن! قەيسەر ئويۇنىڭنى ئوينىۋال جېنىم مەن بولمىسام، ساڭا ئويۇنمۇ بولمايدۇ، ئەي دۇنيا مىنى ئانامىنڭ يېنىڭغا ئاپىرىپ قويغىن،ئۆلۈپ كەتكۈم بار.

ئ‍ەي مىنى سۆيگەنلەر ھەم مەن سۆيگەنلەر.
ئ‍وتۇمدا چۈچۈلدەك ھەردەم كۆيگەنلەر.
بىر شاتلىق بەرمەستىن مىڭ ئ‍ازاب سالدىم،
مەن ئۈچۈن يانغىننى، كۈلگە كۆمگەنلەر.

كەچۈرگىن ،كەچۈرگىن،كەچۈرگىن دادا ،
قىزىڭدىن كۈتكىنىڭ بولمىدى ئ‍ادا.
تۈۋرۈكۈم،كۆۋرۈكۈم،يۈرۈكۈم ئ‍ۆزۈڭ
بەختىمدىن باشقىنى قىلمايتتىڭ تاما.

ئ‍ەي ئانا تەسەللى بىرەي نىمە دەپ ،
روھىڭمۇ يىغلىسا بەختىمنى تىلەپ.
بايلىقىم،يايلىقىم، بارلىقىم ئ‍انا
كەلگىنە كىتەيلى بەختىمنى ئ‍ىزدەپ!

بەخىتلىك بول دىگەن پىشانەم سۆيۈپ.
باغىرىغا چىڭ باسقان كۆيۈپ ،كۆيۈنۈپ.
قېرىنداش،باغىرىداش ئ‍ەلەمداشلىرىم
بىر ئ‍ەپۇ بىرىڭلار قالاي ئ‍ۆتۈنۈپ.

.ئ‍اھ نىتەي!يۈرۈكۈم پارىسى بالام ،
ئ‍ارمانىم ئ‍ۈمۈدۈم ۋارىسى بالام.
ئ‍الدىڭدا گۇناھكار ئ‍ەيىپلىك ئ‍ۆزۈم
ئ‍اناڭمۇ تەقدىرگە چارىسىز بالام.

يول ئ‍ۇزۇن بۇ يولدا ھەمراھ بولالماي.
مەرىكە تۇيۇڭغا پاخلان سويالماي.
ئۆزۈممۇ-ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىز بالام،
مۇھتاجلىق چېغىڭدا ھازىر بولالماي.

يازغىنىم نېمىگە ئ‍وخشىدى بۈگۈن ؟
ھەممىسى نادامەت، ئ‍ەلەمغۇ پۈتۈن.
بەلكىم مەن يارامسىز،ياقمىسام كېرەك
تەقدىرنىڭ ئ‍الدىدا قىلندىم سۈرگۈن.

قەيسەر خاتىرىنى يۈزىگە يېپىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى زادى تۇتىۋالالمىغان ئىدى. چۈشىدە بىرسى يىغلىغاندەك ئاڭلانغان نىگار ئويغىنىپ كىتىپ دادىسدىن گەپ سوراشنى ياكى ئۇخلاۋىرشنى بىلەلمەي، كۆزنى مۆلدۈرلىتىپ بىردەم قاراپ ياتتى، چۈنكى دادىسى مەس بوپقالغاندا داۋاملىق مۇشۇنداق يىغلايتتى، يەنە كىلىپ ئىشكاپ ئۈستىدە بىر پوتۇلكا تۇراتتى، نىگار بىردەم يېتىپ بېقىپ ئۇخلاپ قالدى. قەيسەر يغلايتتى، چاچلىرىنى يۇڭۇزلايتتى، يۈز-كۆزلىرىنى مورلايتتى… -جېنىم ئىككىمىزدىن بىرىمىز ئۆلۈپ قالغان بولساق ھە! -نىمشقا؟ -سۆيگەن يۈرەكلەردە مۇھەببەت گۈزەل ئەسلىمە پىتى قالسا، يىرگىنىش، گۇمانلار بولمىسا…ئاندىن بالىلىرىمىز خاتىرجەملىك ئىچىدە ياشىسا دەيمەن. -مىنىڭ ئۆلۈمۈمنى تىلەۋاتامسەن؟ -ياق جېنىم ئۆزۈمنىڭكىنى! تېخى ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىلا شۇنداق بىر سۆھبەت بولۇنۇپ ئۆتكەن ئىدى. لىكىن قەيسەر پەرۋا قىلمىغان،پەرۋا قىلمىغانلا ئەمەس ئىپارنىڭ ياش لىغىرلاپ قالغان ئۈمىدسىز كۆزلىرىگە سەن ئۆلمەيسەن دىگەندەك مەسخىرلىك قارىغان ئىدى. قەيسەر يۈرىكنى ئەڭ ئېچشتۇردىغان ئەشۇ مىنۇتلارنى يەنە ئەسلەشكە باشلىدى. ئۇ كۈنى قەيسەر بىنەمدىكى كونا ئۈلپەتدىشى لاۋجاڭنىڭ ئۆيىگە كەيپىياتنى تەڭشىگەچ بىردەم-يېرىمدەم مۇڭدشىپ كەلگىلى بارغان ئىدى، لاۋجاڭنىڭ ئەسلى ئىسمى جىياڭ فۇ چىياڭ بولۇپ، سىچۈەندىن شىنجاڭغا يەر تېرش ئۈچۈن كەلگەن، يەرلىكلەرنىڭ تەلەپپۇزى ئانچە توغرا بولمىغاچقا ئۇنى جاڭ بۇجاڭ دەپ چاقىراتتى،قىرىقلارغا يېقىنلاشقان كىيمى رەتسىز بولسىمۇ ،چېچىنى بىرخىل مودا ياسىتۋالىدىغان لاۋ جىياڭ چىقشقاق، چاقچاقچى، ئەقىللىق،ئىشچان ئادەم بولۇپ ،يەر تېرشتىن باشقا ھاراق -تاماكا ساتاتتى، ئۇلار ھاراق ئارقىلق دوسىت بولۇپ قالغان، ئۇلا ئەمەس كەنىتتكى شارابخور ياشلەرنىڭ كۆپىنچسى لاۋجاڭ بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلاتتى، لاۋ جاڭ ياشلارنى ئىش ئورنى، ھاراق-تاماكا يەنە تېخنىكا بىلەن تەمىنلىسە، يۇرتداشلار ئۇنى كىشلىك ئالاقە، ئەمگەك كۈچى، ھەم قىسمەن يىزا-ئىگلىك چاتما سايمانلىرى بىلەن تەمىن ئىتەتتى.قىسقىسى لاۋجاڭ بۇ يۇرتنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغان بولۇپ ،توي-تۈكۈنلەردە ئۇ ئوينىغان ئۇيغۇرچە ئۇسۇل يۇرتداشلارنىڭ نەچچە كۈن كۈلىشگە سەۋەب بولاتتى.ئۇمۇ بۇيەرگە كەلگەن تۆت يىلدىن بۇيان بۇكەنىتتىكى چوڭىدىن-كىچىككىچە، ئەر-ئايال ھەممىسنىڭ ئىسمنىڭ نىمە ئىكەنلكى ،قايسى چاغدا ئەسقاتدىغانلىقى دىگەندەكلەردىن ئاساسەن خەۋەردار ئىدى. تەلەپپۇزى تولىمۇ چىلەڭگۈش بۇ ئادەم بىلەن قەيسەرلا ئەڭ راۋان ئالاقە قىلالايتتى. قەيسەر لاۋجاڭنىڭ ياڭراتقۇسىغا تىلفۇنىنى ئۇلاپ ، يەڭگىل مۇزىكا قويۇپ، پىۋا ئىچىۋاتقاندا، لاۋجاڭ ئالدىراپ گاز ئوچاقتا تاماق ئىتۋاتاتتى. شۇنداق ئىچىپ خېلىلا كەيپى تەڭشەلگەن قەيسەر ئۆيگە ماڭاي دەپ تۇرشىغا بىر ئاغىنسى تىلفۇن قىلىپ ئۆزىنڭمۇ ئىچكۈسى بارلىقنى ،ساقلاپ تۇرسا ھازىرلا باردىغانلقىنى ئېيتتى،ۋە ھايالشىمايلا كەلدى، -جاڭ بۇجاڭ پىۋىدىن بىر بولاق كەلتۈرۈڭلا دىدى قەيسەر دوستىنى مەنسىتمىگەندەك قاراپ قۇيۇپ، -ئەمدى بولدى قىل قەيسەر، ئۆيۈڭگە كەت، ياكى كارۋاتتا ئۇخلا، ئۇ ئىچسە ئىچىۋەرسۇن، -جاڭ بۇجاڭ پۇلنى بىرەلمەيدۇ دەپ قالدىڭما؟مەن پۇل تاپىمەن،مەن پۇل تاپالايمەن، پۇلۇڭنى چۇقۇم بىرىمەن، بۈگۈن يۈزۈمنى قىل، -ئەستا قەيسەر،پۇل مەسىلىسمۇ با، لىكىن تەڭشىلىپ قالدىڭ، ساڭا جان لازىم ئەمەسما؟ -لاۋجاڭ كۈيۈنگىنىڭگە رەھمەت، ھەي ئەتراپمىدا بىللە ئويناپ ،چوڭ بولغان ئاغىنلىرىم،قېرنداشلىرىم ئۇلۇمنى كولايدۇ ،سەندەك بىر ئېغىز گەپ قىلدىغنىدىن بىرسى يوق. نامەرت خۇمسى گۇيلا… لاۋجاڭ ئۇنىڭ ئەمدى گەپ يىمەيدىغانلقنى يەنە گەپ قىلسا تەگىشىپ قالىدىغانلىقنى ئويلاپ،چىكلىداپ قۇيۇپ ئىچكەركى ئۆيدىن بىر بولاق پىۋىنى سۆرەپ چىقتى،ۋە قەيسەرگە ئازراق ئىچىپ بولدى قىلغىن ،مەن سۇ قۇدۇقىغا قاراپ بېقىپلا كىلىمەن دەپ قۇيۇپ،مەشكە كۆمۈر لىقلىۋەتكەندىن كىيىن چىقىپ كەتتى. ئۇلار ئىككىسى قىززىشىپ بىردەم ئىچكەندىن كىيىن گەپ تالىششقا باشلىدى. نىمىلەرنى ديشكىنى قەيسەرنىڭ تۈزۈك ئىسىدە يوق،لىكىن ئىتترىشىپ يۈرۈپ،جەينىكى مەشكە يېقىلىپ كەتكەن ،ئاغرىق ئازابى جانغا پاتقان دەل شۇپەيتتە، ئىپارنىڭ تىلفۇن قىلغانلقى ،ئۆزىنىڭ يىغلاپ كەتكەنلكى ،ئاندىن ئىپارنىڭ مەن ھازىرلا يېنىڭىزغا بارىمەن دىگنى ئېنىق ئىسدە، ھەئە…ئىپار ماڭماسلققا تىگىشلىك ئەشۇ يولنى تاللاپ ماڭدى. ئىپار كەلگەندە ،قەيسەر ئۆينى بېشىغا كىيىپ سۆزلەۋاتاتتى. خوتۇنىنىڭ كەلگەنلكىنى كۆرۈپلا ئۇنى باغرىغا مەھكەم بېسىپ، خان سنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بەكلا،، شۇڭا سىنى ھېچكمگە بەرمەيمەن،لىكىن سەن خوتۇننىڭ نىمە خىيالى بارلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان، مىنى پۇلى يوق كۆرەمسەن؟ مەن پۇل تاپالمايدىغان يارىماس شۇنداقمۇ؟ قەيسەر شۇنداق دەپلا قوللىرىنى قالايمىقان شىلتىپ ئىپارنى ئىتتىرۋەتتى.

11-قىسىم

خان سنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بەكلا،، شۇڭا سىنى ھېچكمگە بەرمەيمەن،لىكىن سەن خوتۇننىڭ نىمە خىيالى بارلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان، مىنى پۇلى يوق كۆرەمسەن؟ مەن پۇل تاپالمايدىغان يارىماس شۇنداقمۇ؟ قەيسەر شۇنداق دەپلا قوللىرىنى قالايمىقان شىلتىپ ئىپارنى ئىتتىرۋەتتى. -يۈرۈڭ كىتەيلى، بالىلار قورقىدۇ، -مەن بىلىمەن،مىنى ئەپكەتكىلى كەلدىڭغۇ؟ ھىم،مەن ئۆلمىدىم، قەيسەر سىيىت تېخى ئۆلمىدى،نۇمۇسسىز ئىپلاسلار! -شۇڭا كىتەيلى دىدىمغۇ، تىزراق بولايلى ھاۋا گۈلدۈرلەۋاتىدۇ، -مەن ئەركەك، لىكىن ۋىجدانسىزلار بىلەن بىر يولدا مېڭىپ قالغان ئەركەك… -؟… -شۇڭا خان ،مىنى سەن ئەمەس،سىنى مەن ئەپكىتىمەن، كەينىمگە مىنە ئامراق خۇتۇنۇم، -بۇ… سىز …يول تېيلغاق ،يامغۇر چۈشىۋاتسا،موتسىكلىتنى مەن ھەيدەي، -نىمە؟مەس كۆرۋاتامسەن مىنى؟ -ھە …ياق،ئاستا ھەيدەڭ ئەمىسە، ئىپار شۇ چاغدا سەل ئەنسىرىگەن بولسىمۇ، گۈلدۈرمامىدىن قورققانمۇ ،ياكى ئۆلۈپ كىتدىغانلىقنى سىزىپ قالغانمۇ قەيسەرنىڭ كەينىدىن يېڭى توي قىلغان چاغلاردىكىدەك چىڭ قۇچاقلاپ،بېشنى ئۇنىڭ كەڭ يەلكىسىگە چاپلىۋالغان ئىدى.ئاشۇ نەس باسقۇر يول، قەيسەر قايتا ئاياغ بېسىپ باقمىغان شۇ يولدا ،ھىلىلا يىقلىپ كەتكۈدەك كىلىۋاتقان خوندا موتسىكلىت ئارقىسدا ئىپار بار ئىدى.ھەئە ئاشۇ يول، ئاشۇ موتسىلكىلىت، ئاشۇ مەسىت ئەرنىڭ ئارقىسدا ئىپاردەك خۇشپۇراق ئىپار بار ئىدى. موتسكلىت بەش مىنۇت ماڭمايلا قەيسەرنىڭ بۇ تۆۋەن سۈرئەتتىن ئىچى پۇشۇپ، خوت ئالماشتۇردى، ھەم جان-جەھلى بىلەن ھەيدەشكە كىرشتى ،ئالەمنى يېرىۋەتكۈدەك گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەيتتى، چاقماق كۆزلەرنى غەلەت قىلىپ ۋال-ۋۇل ياناتتى.بىر چاقماقتىن كىيىن كۆزى قاراڭغۇلاشقان قەيسەر جاڭ قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يەرگە قاتتىق چۈشۈپ كەتتى. ئۇ بىرھازا يۇمىلاپ تاراسلاپ چۈشكەن يامغۇردىن سەل سەگىگەندەك بولۇپ، ئۆزىنىڭ سىتولبىغا ئۇرۇلۇپ كەتكەنلىكىنى ،كەينىدە ئايالىنىڭ بارلىقنى ئىسىگە ئالدى ،ۋە تىمسىقلاپ قاراپ تۆت -بەش مىتىر نېرىدا باش قىسمى قانغا بويالغان ھالدا بۈكلىنىپ ياتقان ئىپارنى كۆرۈپ مەسلىكى بىراقلا يىشلگەندەك بولدى. -ئىپار ،نىمە بولدۇڭ خۇتۇن،كۈزۈڭنى ئاچقىنا،مىنى قورقۇتما، ئىپارخان… قەيسەر ئىپارنىڭ بېشنى قۇچىقىغا ئېلىپ توختىماي سىلكىشكە ،يۈزىگە سۆيۈپ تۇرۇپ،ئسمنى چاقىرشقا باشلىدى، يامغۇر بارچە دەرىت -ئەلەمنى يۇيۇپ تازلىماقچى بولغاندەك ئۇ ئىككىسنىڭ باش كۆزلىردىن قۇيۇلاتتى. بىردەم يىغلاپ ئايالىنى ئويغىتالمىغان قەيسەر تىترەپ تۇرغان قان يۇقى قوللىرى بىلەن تىلفۇن كونۇپكىسنى باستى. قەيسەر تىترەڭگۈ قان يۇقى قوللىرى بىلەن تىلفۇن كونۇپكىسنى باستى. -ۋەي لاۋجاڭ مەن…مەن يىقىلپ ، …ئايالم كۆزىنى ئاچمايۋاتىدۇ، -نىمە دىدىڭ ئېنىق دە، ئايالڭغا بىر ئىش بولدىما؟قەيەردە نىمىدىن يىقلدىڭ؟ ھە ماقۇل …ماقۇل، جىددىيلەشمە، مەن ھازىرلا ماشىنىنى ئېلىپ بارىمەن. يامغۇر چىلەك بىلەن قۇيغاندەك چۈشۈپ ئۇلار ئولتۇرغان يەرگە كىچىكرەك كۆلچەك ھاسىل بولغان ئىدى. قەيسەر يولغا تەلمۈرگەچ ئىپارنى دەس كۆتۈرۈپ بىرقەدەم -بىر قەدەمدىن ئالدىغا سىلجىماقتا ئىدى، يىراقتىن يولنى يۇرۇتۇپ ، سىگىنال ئۇرۇپ كەلگەن كوزۇپلۇق ماشىنا ھايالشىمايلا ئۇنىڭ يېنىدا توختىدى. ئىپارنى كۆرۈپ جىددىيلىشىپ كەتكەن لاۋ جىياڭ قەيسەرگە يەۋەتكۈدەك ھومىيپ قويدى، ۋە ئۇلارنى ماشىنىغا بېسىپ ناھيىلىك دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭغاچ ھەدەپ قەيسەرنى ئەيىبلىدى، ئۇگەپلەر قەيسەرنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيتتى. ئۇنداق قىلما ئىپارىم،مىنى تاشلاپ كىتىپ قالمىغىن ،سىنى نەقەدەر ياخشى كۆردىغانلقىمنى بىر ئۆزۈم بىلىمەن، مەن سەنسىز ياشىيالمايمەن،مىنى كەچۈرگىن جېنىم خۇتۇن، پەقەت سەن ھايات قالساڭلا ھەممىنى …بولىدىلا ئەمدى ساڭا ۋەدە بەرمەيمەن، ئەركەكتەك ئەمەلىيتىمدە كۆرستىمەن، ئوبدان خۇتۇن ،غەيرەت قىل، دوختۇرخانىغا ئازلا قالدۇق. دەپ نىدا قىلاتتى ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ خارتىلداپ نەپەس ئېلىۋاتقان ئىپارغا قاراپ، ھەئە،مەن ئەسكى، مەن ئادەم بولمايدىغان ئىتنىڭ بالىسى ،مەن نىمە قىلپ قويدۇم، ئاھ تەغدىر،مىنى بۇنداق جازالىما، كۆزۈڭنى ئاچ گۈلۈم،كۆزۈڭنى ئاچ…دەپ لەۋلىرىنى قانىتاتتى قەيسەرۋە بوغۇق ئاۋازدا لاۋجاڭغا ۋارقىرايتتى، -تىزراق ھەيدىمەمسەن؟نىمشقا تېخىچە كەپ بولالمايمىز، ناھىيلىك دوختۇرخانىغا يىتىپ كىلىپ تەكشۈرۈش باشلانغاندىلا ئاندىن ئۇ يېنىدا بىرتىينمۇ يوقلىقنى ئىسگە ئېلىپ بىردىنلا سولۇشۇپ قالدى،نىمىلابولمىسۇن ئىپارنى داۋالىتىش كىرەكتە. -دوختۇر دىدى ئۇ تىزلانغۇدەك بولۇپ-ئاۋۋال تەكشۈرۈپ ،داۋالاپ تۇرساڭلار، پۇلنى كىيىن تاپشۇرسام،ئۆتۈنۈپ قالاي، -كەچۈرۈڭ، مىنىڭ ئامالىم يوق بۇ دىگەن بەلگىلىمە! -سەنلەرگە پۇل شۇنچە مۇھىمما؟ ھەتتا بىر جان ئۆلۈم ئالدىدا تىركىشۋاتسا يەنە بەلگىلمە دەيسىزغۇ؟ -كەچۈرۈڭ،راسلا ئامال يوق، -ھۇ نائىنساپ، تويمىغۇرلار…ئۇ مىنىڭ بارلىغىم، ئۇنىڭغا بىرئىش بوپقالسا سەنلەرنىڭ كۆردىغنىڭ بار. -ۋوي ،بوشراق ۋاقىراڭ، دوختۇرخانا بۇ، ھەقايسىڭىزدەك قاراكۆزلەردىن نەچچىنى كۆرگەن بىز، ئەتىگىچە ئۆلۈپ قالسا پۇل تۆلىمەك تەس كىلەر ھەقىچان، بىزنى بىرنىمە دەپ كەتكىنىنى، خۇتۇنىغا تۈزۈك ھېزى بولماي زابوي! -سەن… -نىمە ۋارى-ۋارى قىلسەن، خوتۇنۇڭ بۇنداق ياتسا، لاۋ جىياڭنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا قۇتقازغۇچنىڭ ئاۋازىدەك تويۇلۇپ كەتكەن ئىدى.شۇنداق قىلىپ لاۋجىياڭ قەيسەرنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ياق قېرىندىشىدەك بىر كاللەك پۇلنى دوختۇرغا تاپشۇرۇپ،پۇل كەملىسە تىلفۇن قىلشنى ئېيتىپ ئىپارنى ئېغىر كسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىگە ياتاققا ئالغۇزۇشۇپ بىرىپ ئاندىن كەتكەن ئىدى، -زادى نىمىش بولغان ئىدى ،دىگەن ئىدى مەسئۇل دوختۇر ئۇنىڭ كۆزىگە مىختەك تىكلىپ، -بىز، بىز ئىشلەۋاتقان…شۇيەردىن كەلگۈچە موتسىكلىت سوقۇلۇپ كەتتى. -ھە، ئىش ئورنۇڭلار قاۋاقتمىدى؟ -…بۇ -مۇنداق گەپ، بىمارنىڭ بۇرۇن،قان ئازلىق كىسلى بار ئىكەن،شۇ سەۋەپتىن يۈرەك،مىڭىگە قان يىتشمەي ،يۈرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرپتۇ، ھازىرقى مەسىلە تېخى بۇ ئەمەس، ئۇ قاتتىق سوقۇلغانلىقتىن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ،شۈك بوپقالغان، ئادەتتە مېڭىگە چۈشكەن قاننى ئوپراتسىيە بىلەن يوقاتقىلى بولاتتى، بىراق ئۇنىڭ يۈرىكى بەرداشلىق بىرەلمىگۈدەك، -ئەمىسە قانداق قىلىمىز دوختۇر؟سىلەر نىمە دىسەڭلار شۇ ،خوتۇنۇم ھايات قالسىلا بولدى، -ھازىر بىردىنبىر ئامال ،ئۇنىڭ يۈرىكنىڭ ئوپراتسىيەگە بەرداشلىق بەرگۈدەك جانلىنشنى ساقلاش، بىزمۇ كۈچىمىزنىڭ يىتشىچە تىرشىمىز، لىكىن ئىدىيە جەھەتتە تەييارلىق كۆرۈپ قۇيۇڭ، ئۇنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى بەك تۈۋەن، ئىلاننى چىكىۋىتىپ داۋامىنى كۆرۈڭ -ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا يۆتكەپ باقسام قانداق بۇلار؟ -سىزچە ئايالىڭىز ۋىلايەتكە بارغۇچە نەپەس يىتشتۈرەلەمۇ؟ شۇ سۆھبەتتىن كىيىن قەيسەرنىڭ كۆزىدىن پەقەتلا ياش قۇرۇپ باقمىدى ،تا ھازىرغىچە… تام ياقىلتىپ قۇيۇلغان ئورۇندۇقتا مۈگدەپ ئولتۇرغان مۇساپىر چىراي كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قارىغۇدەك، ھالىڭ نىچۈك دىگۈدەك ھەپسىلسى يوقتەك قىلاتتى، بەلكىم ئۇلارنىڭ ئازابىمۇ قەيسەرنىڭكىدىن قېلىشمىسا كىرەك. تاڭ يورۇشىغلا يىتىپ كەلگەن ئىپارنىڭ ئاكىسى بىلەن يەڭگىسى مانا بولدىمۇ دىگەندەك ھومىيىپ قۇيۇپ ،ئۇنىڭ يىغىسىغا جۆر بولغان ئىدى، بىركۈن…ئىككى كۈن…ئۈچ كۈن…ياخشىلنىش بولدى،ئوپراتسىيەگە ئەكىرسەك بولىدىكەن دىگەن گەپنى ساقلاپ ئۆتتى. شۇكۈنلەردە قەيسەر لىۋىنى قانىتىپ ئۇسسۇزلۇق، پۇشايماننى يىمەكلىك قىلىپ،گويا ئىپار بىرنەرسە يىمىسە ئۇمۇ يىمەسلككە قەسەم قىلغاندەك ئۆتكۈزگەن ئىدى.كۈندە بىرلا ئادەم يوقلايدىغان بولغاچقا ،ھەم بۇ ئشتا قەيسەر ئەيىبلىك بولغاچقا ئۈچىنچى كۈنى بولمىغىچە ئىچىگە كىرەلمىدى. شۇ كۈنى ئۇ سىستىرا كۆرسىتپ قويغان مەخسۇس كىيمنى كىيىپ ئىپارنى كۆرگىلى كىردى، ئىپار بىر پارچە ئاق بۇلۇتتەك سۈزۈك ھالەتتە،ئوڭدىسغا ياتتى، ئېغىزغا يوغان ئوكسىگىن نەيچىسى، بۇرنىغا شىلانكا سېلىنغان ئۇ ئاق بۇلۇت گويا بۇدۇنيا بىلەن قىلچە مۇناسىۋتى قالمىغاندەك،دۇنيادا تارتىشدىغان ھېچنمىسى يوقتەك بىخارامان ھالدا ئۇيقۇغا غەرىق بولغاندەك قىلاتتى.قەيسەرنىڭ ھۆللىنىپ كىتۋاتقان ماسكىسدىكى ياش تامچلىرى يەرگىمۇ چۈشۈپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.ئۇ ئۆزىگە تالاي لەنەتلەر ئوقۇپ، ھەم ئەپۇ سوراپ پەرشتىسنىڭ پىشانىسىگە لىۋىنى ياقتى. يۈرەك سوقۇشى،قان بېسىمى قاتارلىقلارنى ئۆلچەۋاتقان ئىكراندىن چىققان تۇتتتتت قىلغان ئاۋاز ھەم سىستىرالارنىڭ دوختۇرنى ئەنسىز چاقىرشلىرىدىن كىينلا ئۇ ئەھۋالنىڭ ياخشى ئەمەسلكىنى ھىس قىلىپ، ئىپار ،ئىپار دەپ ۋارقىرىغان،ھەتتا سسىتىرالار ئىتتىرىپ ئىشىك تەرەپكە ئېلىپ مېڭىۋاتقاندىمۇ كۆزى ئىپاردا ،توك ئارقىلىق يۈركى قوزغىتىلىش ئۈچۈن ،بىر ئىگىزگە بىر پەسكە سىلكىنىپ گۈپ،گۈپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقان بىچارە تەندە قالغان ئىدى. چىشنى چىڭ چىشلەپ غۇچۇرلاتتى قەيسەر.تامغا تىرەلگەن بېشى خىش تامنى ھىلىلا تىشۋەتكۈدەك چىڭ ئىتتىرەتتى، كۆزلىرى ،لەۋلىرى پۈرلۈشۈپ ئەشۇ مەنزىرلەرنى قايتا كۆرمەسلىك ھەم ئېيتماسلىق توغرىسىدا قەسەم ئىچۋاتقاندەك ھىم يۇمۇلغان…ئۇ دەس تۇرۇپ ئىشكاپ ئۈستىدىكى ھاراقنى ئېلىپ ئېغىزنى ئاچتى، ۋە پىيالىگە بېلىق كۆزى قىلىپ لىققىدە قۇيدى.تىترەڭگۈ قوللىرى بىلەن پىيالىنى كۆتۈرۈپ بالىلىرى تەرەپكە قاراپ بۇغۇلداپ نىدا قىلدى. -ئىھ !ئانىسىنىڭ دۇنياسى،بەختى،بارلىقى بولغان بالىلىرىم ئېيتىڭلارچۇ؟ بەختىڭلار ئۈچۈن كۆيەيمۇ ياكى بەختىڭلار ئۈچۈن ئۆچەيمۇ؟ خاتىمە ئورنىدا ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، تاققا-تۇققا يېزىپ ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قويغانلىقمدىن ئەپۇ سورايمەن. تۇنجى قېتىم پوۋسىت يېزۋاتقىنىم ئۈچۈن، مەقسىدىمنى ئېنىق بىلدۈرەلمىگەن بولۇشۇم،سۆزلەرنى جايىغا ئشلەتمىگەن بولۇشۇم تامامەن مومكىن. كۆپچىلكنىڭ تەكلىپ -پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. تۇرمۇش شۇنداق بولىدىكەن،بارىدا قەدىرنى قىلمىساق،يوقىغا تەلمۈرۈپ يىغلاپ ئۆتىدىكەنمىز. ئاخىرىدا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇشىنى ،ئىشەنچىكە ئېرشىشىنى،قەدىر-قىممىتى بىلەن ياشىشىنى،ئەرلىرىمىزنىڭ ئەرلىك مەجبۇريتىنى تولۇق ئادا قىلشنى،بالىلىرىغا ئۈلگە بولغۇدەك ،مەسئۇليەتچان دادا بولۇشنى ،ۋە بارلىق ئائىلىلەرنىڭ بەخىتكە تولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.ۋە بۇ پوۋسىتمنى تۆۋەندىكى بىر دوستۇمنىڭ ماڭا ھەدىيە قىلغان سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن. شۇنداق بىركۈنى كىلىدۇ، سىز ھېچكىمدىن ئاغرىنمايدىغان… ھەتتا تېخى يۈزۈمگە ئۇرساڭمۇ مەيلىتى ، سەن نەدە دەپ يىغلايدىغان بىر كۈنلەرمۇ كېلىدۇ . ئاداۋەتلىرىڭىز بىراقلا ئەھمىيىتى يۇقىتىدۇ .قانچە قىلىپمۇ سىزنى رازى قىلالمىغان ، شۇ ئادەمدىن بىراقلا رازى بولۇپ كېتىدىغان، ئەمما بارچە ئازاب سىزگە ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر كۈنلەر كېلىپ بەش كوينى بۇزدى دەپ ئالەمچە ئاچچىقلانغان شۇ ئادىمىڭىزنى بەش مىڭ ھەتتا بەش مىليارد خەجلەپمۇ كۆرەلمەيدىغان بىركۈنى كېلىدۇ . ئەگەر پەقەت كەچۈرمىسىڭىز ھېچقىسى يوق ، ئالدىرىماي ساقلاپ تۇرۇڭ،تىنقىدىن قالغاندا بىراقلا كەچۈرسىز . كاللىڭىزدىن ئۆتمەيدىغان بارچە تۈگۈنلەرنىڭمۇ بىراقلا ئۆتىدىغان بىركۈنى كېلىدۇ . سىزنى ھەر قانچە قاقشاتقان ئادەمنىمۇ سېغىنىدىغان بىركۈنى كېلىدۇ، كەينىدىن قوغلاشقانلىرىڭىزنى، ئالدىدىن قوغلىۋەتكۈڭىز كېلىدىغان بىركۈنى كېلىدۇ ، تۇيۇقسىز بىركۈنى سىزنىڭ بارلىق ئاغرىنىشلىرىڭىز، تويمىغان نەپسىڭىز، تۈگىمەس شەرتلىرىڭىز ئېغىز ئېلىپ ئۆزىڭىزنى يىغلاپ تۇرۇپ بوغىدىغانغىمۇ بىر كۈنى كىلىدۇ. تۈگىدى 2019..8..1

1
2
3
4
5
6
7
8
9
10
11
كىيىنكى قىسىم